ۋاشىنگتوندا تۈرمىدىن چىققان تىبەت راھىبەسىنى كۈتىۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00
Phuntsog-Nyidron_rabiye.jpg
2006-يىلى 30 مارت كۈنى، رابىيە قادىر خانىم يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇپ چىققان تىبەت راھىبەسى Phuntsog Nyidron بىلەن ICT ئورۇنلاشتۇرغان كۈتۈۋېلىش مەرىكىسىدە.. Photo: Kyle Samperton/ICT

30‏- ماي كۈنى، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى 15 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان تىبەت راھىبەسى فۇنسوك نيىجون ئۈچۈن كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردى. بۇ كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا، 15 يىل خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان تىبەت راھىبەسى فۇنسوك نيىجون ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق قوللىغۇچىلىرىغا كۆپ رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا، تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاماغا ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتتى.

قىيىن قىستاقلار ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتقان

38 ياشلىق تىبەت راھىبەسى فۇنسوك نيىجون گەرچە 2004‏- يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەركىن پائالىيەتلىرى چەكلەنگەن ھەمدە پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىشىمۇ رەت قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشىدىن بۇرۇن بولغان. ئۇ 1989‏- يىلى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان" دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى. فۇنسوكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرمىدە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان ھەمدە سالامەتلىكى ناچارلاپ كەتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىكى ئېغىر قىيىن ‏- قىستاقلار پەقەت ئۇنىڭ تىبەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىش رولىنى ئوينىغان. ئۇ سۆزىدە يەنە "ھەقىقەت، تىبەت خەلقى تەرەپتە تۇرىدۇ" دېدى.

كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان بۇ تىبەت راھىبەسى بىلەن ئوخشاش تەغدىرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم فۇنسوكنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ھەر قايسى ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتتى. بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم يەنە بۇ راھىبە قىز ھەققىدە توختىلىپ، كىچىك ۋاقتىدا دالاي لاما ھەققىدە سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 15 يىل خىتاي تۈرمىسىدە بۇ قىزنىڭ يەنىلا بەختلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ساق سالامەت چىققانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلىرىنىڭ تۈرمە ۋاقتىنىڭ قىسقارتىلىش ئەمەس، توشاي دېگەندە يەنە ئۇزارتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رابىيە قادىر خانىم يەنە تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ نەقەدەر ئوخشاشلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ ئىلھام

تىبەت راھىبەسى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈتىۋېلىش يىغىنىغا يەنە، دالاي لامانىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى تاشى ۋاڭدۇمۇ قاتناشتى. ئۇ سۆزىدە راھىبەنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە چىداملىقىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى خەلقئارا تىبەت ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ ئىلھام" دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىز يەنە تۈرمىدە يېتىۋاتقان نەچچە مىڭ تىبەت سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. شۇنداقلا تىبەتتىكى 6 مىليون كىشى ھازىر يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ"

تاشى سۆزىدە يەنە، فۇنسوكنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ تىبەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تىبەت راھىبەسى فۇنسوك نيىجون تۈرمىگە كىرىپ قالغان چېغىدا ئاران 23 ياش بولۇپ، بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلانغان بىر نەچچە راھىبەلەر بىرلىكتە يۇرتى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەپ تۈرمىدە مەخپىي ھالدا بىر ناخشا لېنتىسىنى چىقارغان. كېيىن بۇ لېنتا سىرتلارغىچە تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتقان ئىدى. (پەرىدە) ‏‏