
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەتلەر 50 يىلدىن بەرى روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ يېتەكچىلىگىدە خەلقئارادا تىبەت مىللى دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىپ، دۇنياغا كەڭ تونۇلغان "خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى" نى مەيدانغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە تىبەت مەسىلىسى پۈتۇن دۇنياغا تونۇلغان خەلقئارا بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، . دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە، ھەرقانداق ئادەم تىبەتلەر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى بىلىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.
مەسىلەن، بىر نورۋېگىيىنىڭ ئۆزىنىلا مىسال ئالىدىغان بولساق، نورۋېگىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس تىبەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر كومىتېت تەسىس قىلىنغان، ئۇندىن باشقا 1989-يىلى "نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى" قۇرۇلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىر مەخسۇس ئىشخانىسى ۋە پۈتۈن كۈن ئىشلەيدىغان خادىملىرى بار. بۇلاردىن سىرت ھىندىستاندىكى دارىمسالادىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان "تىبەت ئاۋازى" رادىئوسىمۇ نورۋېگىيىنىڭ ئىختىسادى مەبلىقى بىلەن قۇرۇلغان ۋە باش بازىسى ھېلىھەم نورۋېگىيىدە.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيغۇر دەۋاسىنى جانلاندۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە
گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بەرى خەلقئارادا تەز تونۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، تىبەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا باسىدىغان مۇساپىمىزنىڭ تېخى خېلى ئۇزۇنلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا تىبەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، شۇنىڭدەك تىبەتلەرنىڭ ئوز ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش جەھەتتە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە مۇۋاپىق ئۆرنەك ئېلىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
دەل مۇشۇ خىل زورۇرىيەت ۋە مەقسەتلەر بىلەن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان يالغۇز نورۋېگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنلا ئەمەس بەلكى، يەنە 10 نەچچە يىلدىن بەرى نورۋېگىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى نورۋېگىيىدە يەنىمۇ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
تىبەت ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا دالاي لاما رول ئوينىغان، ئۇيغۇرلارغا ئەمدى رابىيە قادىر بار بولدى
بىز يېقىندا خەلقئارا تىبەت ھەركىتىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن بىرى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى چونداك خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قارىشى، ئوزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نورۋېگىيە سىياسىتىدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلاندۇرۇش ھەققىدىكى ئىجابىي پىكىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق.
چونداك خانىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ ئۇيغۇر مىللى دەۋاسىدىكى پېشقەدەم ئۇستاز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن گوللاندىيىدە بىرگە خىزمەت قىلغان ۋە يېقىن دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلسى بىلەن ياخشى تونۇشقان ئىكەن.
چونداك خانىم ئالدى بىلەن تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىغاندا خەلقئارادا بۇ قەدەر كەڭ تونۇلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا كەڭ تونۇلۇشىدىكى بىرىنچى مۇھىم سەۋەبى بىزنىڭ دالاي لامادىن ئىبارەت تونۇلغان دىنىي داھىمىزنىڭ بولغانلىقىدا. ئۇ دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرۈپ تىبەت مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسىنى قوشۇپ ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. ئىككىنچى بىر سەۋەپ، بىزنىڭ ھەرقايسى غەرب دۆلەتلەردە قۇرۇلغان تىبەت تەشكىلاتلىرىمىز باشتىن-ئاخىر ناھايتى ئاكتىپ ۋە جانلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تىبەت مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن بىز غەربتە كەڭ قوللاشقا ئېرىشتۇق، بىزنىڭ قوللىغۇچىلىرىمىز ھەرقاچان تىبەت مەسىلىسىگە دىققەتتە بولدى، ھەتتا تىبەتكە بىۋاستە بېرىپ ئەھۋالنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىپ، بىز ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تەشۋىقات ئېلىپ باردى".
ئۇيغۇر مىللى دەۋاسىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ تونۇشۇش ئۈچۈنمۇ شۇنداق تونۇلغان بىر يولباشچىنىڭ بولىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن چونداك خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ:
"تولىمۇ ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلارغا دالاي لامادەك بىر لېدىر كەملىك قىلىپ كېلىۋاتاتتى، بۇ سەۋەبىن ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنياغا ئانچە تونۇلالمىغان، كىشىنى خوشال قىلىدىغىنى مانا ئەمدى سىلەرمۇ رابىيە قادىردەك ناھايىتى كۈچلۈك ۋە شىجائەتلىك بىر يېتەكچىگە ئەرىشتىڭلار، ئۇ ھازىر دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تونۇلدى. مەن ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇش قەدىمى بۇرۇنقىدىن كوپ تەز بولىدۇ".
تىبەت، ئۇيغۇرلار ھەمھارلىشىشىمىز لازىم
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئوز ئارا ھەمكارلىشىشى ۋە بىر-بىرىنى قوللىشىنىڭ دەۋا ئىشلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى:
نورۋېگىيىدىمۇ بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بەك ياخشى بوپتۇ. مەن ئىلگىرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەپ باققان لېكىن، نورۋېگىيىدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش پۇرسىتى بولمىغان. ئەمدى شۇنداق پۇرسەت تۇغۇلدى. ئۇيغۇرلارمۇ تىبەتلەرمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ زۇلۇمىنى تارتىۋاتىمىز، شۇڭا بىز ئىككى خەلق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، خىتايدىن ئىبارەت ئورتاق دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز، ياخشى ھەمكارلىشىشىمىز ۋە بىر-بىرىمىزنى قوللىشىمىز لازىم.
چونداك خانىم ئاخىردا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى نورۋېگىيە سىياسەتچىلىگە ياخشى ئاڭلىتىش ۋە نورۋېگىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى مۇنداق بايان قىلدى:
"بىزنىڭ تەجرىبىلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، سىلەر يالغۇز ھەرقايسى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنلا ئالاقە ئورنىتىپ قالماي بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، نورۋېگىيىدىكى سىياسەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنمۇ ئالاقە باغلاپ، ئۇلار بىلەن قايتا-قايتا ئۇچرۇشىشىڭلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قايتا-قايتا، زىرىكمەي چۈشەندۈرۈشۈڭلار زۆرۈر، دەۋا ئىشلىرىدا بۇ خىل تەرغىباتچىلىقنىڭ رولى ناھايتى چوڭ. (ئابدۇسەمەت)