تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ كاندا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن كاندا مەتبۇئاتلىرىدا تىبەت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ھەرخىل مۇلاھىزىلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.
تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى روھانى ۋە سىياسى داھىسى دالاي لاما كانادا زىيارىتى مەزگىلىدە كانادادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت بولغان "گلوبە ئاند مائىل" نىڭ مۇخبىرى ئالان فرېئېمانننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي دائىرلىرىنىڭ تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرىلسە، بۇنىڭ تەبىئى ھالدا ئۇيغۇر رايونىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تىبەتلىكلەرنىڭ بۇ خىل تەلىۋىگە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆھبىتىدە يەنە تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي دائىرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت جەريانى ۋە ئۆزىنىڭ غايىسىدىكى ئالى ئاپتونومىيە ھەققىدە توختالغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.