تورونتودا تىبەتلىكلەرنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى


2008.03.24

يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندەش يۈزىسىدىن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

تىبەتلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ كانادالىق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ 4 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بۇ نارازىلىق نامايىشىغا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتەرگەن 40 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلدى.

بۇ تىبەتتىكى نارازىلىق نامايىشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى تورونتودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم تىبەتلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئونتارىئو شىتاتىنىڭ قانۇن ئورگانلىرى ۋە تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى ھەمدە تورونتونىڭ نۇقتىلىق كوچىلىرىدا كوچا ئايلىنىپ 15 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان نامايىشچىلار قوشۇنى "خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتىكى قىرغىنچىلىقنى توختات!" ، "خىتايلار تىبەتتىن چىقىپ كەتسۇن"، "تىبەتكە ئەركىنلىك،" "كىشىلىك ھوقۇق بولمىسا ئولىمپىكمۇ بولمايدۇ،"دېگەن شۇئارلارنى توۋلاشتى. 5 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرىگە ئالاھىدە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى كانادا خەلقىغە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ چەمبەرچاس باغلانغانلىقى، تىبەتلىكلەرنىڭ ھەققانى داۋاسىنى قوللاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قوللاش بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتتى. بۇ قېتىمقى نامايىش كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.