ۋاڭ لىشوڭ: نامايىش قىلىۋاتقانلاردىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ غەزىپى كۈچلۈك
2008.03.21

ۋاڭ لىشيوڭ خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى. ئۇ تىبەتتە ئىسيان كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدا، نامايىش بولۇۋاتقان رايونلارغا قارىغاندا، سۈكۈتتە تۇرىۋاتقان رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە سۈكۈتتە تۇرىۋاتقان رايونلارنىڭ پەلەستىنگە ئايلىنىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
" مەسىلىنىڭ يىلتىزى كۆچمەن يۆتكەشتە"
ۋاڭ لىشيوڭ بۇ يىل 15 - مارت بوشۈن تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " نامايىش قىلىش ئۆزى ئىدارە قىلىنىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئادالىتىدىن تېخى ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلاردا بۇ خىل ئۈمىد يوق، ئەمما ئۇلاردىكى غەزەپ - نەپرەت نامايىشقا چىققانلاردىن تۆۋەن ئەمەس؛ سۈكۈتتە تۇرۇش قارشى تەرەپ بىلەن مەسىلىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ۋاڭ لىشيوڭ " مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى" ناملىق ماقالىسىدە، مەسىلىنىڭ يىلتىزى سۈپىتىدە، خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھازىرنىلا ئويلاۋاتىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتى قارىماققا خىتاي خەلقىغە پايدىلىق بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، ماھىيەتتە بۇ، خىتايدىكى مىللىي زىددىيەتلەردە سۈپەت خاراكتېرلىك ئۆتكۈرلىشىش پەيدا قىلدى. كۆچمەنلەر يەرلىكنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالدى، بازارلىرىنى مونوپول قىلىۋالدى. بۇ دېمەك كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن يالغۇز مىللىي مەسىلە ياكى تارىخىي مەسىلىلا ئەمەس، ئۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەر بىر ئائىلە ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مەنپەئەتىگە، ئەۋلادلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا بىۋاستە زىيان يەتكۈزۈپ تۇرىۋاتقان رېئال مەسىلە."
ۋاڭ لىشيوڭ ماقالىسىدە، نۇقتىلىق ھالدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن پاكىتلار كۆرسەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى، ئالدى بىلەن خىتاي خەلقىغە زىيانلىق دەپ ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ نۇقتىدا مۇنداق دېگەن: دائىرىلەر بۇرۇن مىللىي قارشىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، بايقالغان ھامان بىر تەرەپ قىلىش، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغان؛. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، باش كۆتۈرۈشتىن ئاۋۋال ئۇجۇقتۇرۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. خەلقنى بۇ خىل ۋەھشىيلىك بىلەن سۈكۈت قىلدۇرۇش ھەرگىز مۇقىملىقنى شەكىللەندۈرگەنلىك ئەمەس. ۋاڭ لىشيوڭ بۇ نۇقتىدا، دېڭ شياۋ پىڭنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەتكەن: " ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى خەلقنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەستىن قوساققا پۈكۈپ قويۇشىدۇر."
" مەسئۇلىيەت ئوت قويغانلاردا ئەمەس، ئوت قويۇشقا مەجبۇرلىغانلاردا"
ۋاڭ لىشيوڭ بۈگۈن تىبەتتىكى توقۇنۇشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. 14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تىبەت زېمىنىنىڭ يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەر، ئات - خېچىرلىرى بىلەن يولغا چىقىپ شەھەرگە قاراپ ھۇجۇم قىلغان ئىدى؛ بۇ جەرياندا ئۇلار تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ " ياشىسۇن ئازادلىق، ياشىسۇن دالاي لاما " دەپ شۇئار توۋلىغان، خىتاي ساقچىلىرى ئالدىنى توسقاندا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى. توقۇنۇشتا تىبەتلىكلەرنىڭ ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالغان ۋاڭ لىشيوڭ مۇنداق دېگەن: بۇ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەرىكەتلەر ئەمەس، پەقەت پارتلاش خاراكتېرلىق قارشىلىق، شۇڭا بۇ خىل قارشىلىقلارنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، تارىخنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا خەلق ئىسيانلىرى مۇشۇنداق شەكىلدە يۈز بەرگەن. مەسۇلىيەت بۇ ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغانلاردا ئەمەس، مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغانلاردا. ھۆكۈمەتلەر توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەۋجۇت، باستۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس. توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زوراۋانلىق بىلەن مۇمكىن ئەمەس، ئادالەت بىلەن مۇمكىن.
ۋاڭ لىشيوڭ يەنە ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا، خىتايدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ۋە مىللىي رايونلاردا پەلەستىندىكى ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ۋاڭ لىشوڭنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەت شەكىللەنسە، بەكرەك زىيان تارتىدىغان تەرەپ خىتاي خەلقى بولىدۇ. چۈنكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىدا زىيان تارتىدىغان بەك كۆپ نەرسىسى يوق، ئەمما، خىتاي خەلقى بولسا يېقىنقى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدە ئەمدىلا راھەت كۆرۈشكە باشلىغان خەلق. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى
- لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر
- 14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يۈز كۈنلۈك 'سېرىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى' نى باشلىدى
- تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- تىبەتلىكلەر نيۇيوركتا بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 27 -يانۋار توقۇنۇشى ئۈستىدە توختالدى
- ئۇيغۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ
- ئۈرۈمچى بەخىت يولى رايونىدا يۈز بەرگەن 27 - يانۋار ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئىنكاس
- خوڭكوڭ "شىڭداۋ " گېزىتى: ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانچىلاردىن 10 نەچچىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن
- سىر تۇتۇلغان توقۇنۇش -- شايار ۋەقەسى