
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى لودى گيارى باشچىلىقىدىكى تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىش مەسىلىسى بويىچە مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. خىتاي تەرەپكە كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى ئەمەلدارلار ۋەكىللىك قىلغان. بۇ سۆھبەت خىتايلار بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ 2002 - يىلى خىتاي -تىبەت سۆھبىتى ئەسلىگە كەلگەندىن بېرى 5 – قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى
ئەمما ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر تىبەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت تېمىلاردا مەمنۇن قىلارلىق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى. خىتاي دائىرىلىرى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ھەر قېتىمقى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى "شەخسىي زىيارەت" دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دالاي لامانىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى لودى گيارىنىڭ ئىلگىرى ۋاشىنگتوندا تەكىتلىشىچە، تىبەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلار بولمىدى دېگەندە تىبەت مەسىلىسىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تۇبتۇن سامپېل، چارشەنبە كۈنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى تىلغا ئالغاندا، "تىبەت خەلقىنى ئۆزى ئۈچۈن نېمىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈش " دەيدۇ. تۇبتېن سۇمپۇل باياناتىدا، دالاي لامانىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى لودى گيارى ۋە گاساڭ جاسۇلارنىڭ بېيجىڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قايسى كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قەيەرلەرگە بارىدىغان ۋە كىملەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.
سۆھبەت تېمىسى چوڭقۇرلاشماقتا
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ، بىزنىڭ تەلىپىمىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلىگەن ماددىلارنى تىبەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئېھتىياج ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىنلا بۇ ۋەدىنى بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا سۆھبەتنىڭ خاراكتېرى ۋە دەرىجىسىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. چارشەنبە كۈنى دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ سەپىرىنى "شەخسىي زىيارەت"، دەپ ئاتىغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىلگىرى "دوست - يارەنلىرىنى، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئانا ۋەتەن ۋە يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەنلىكى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان تونۇشى كۈچەيگەنلىكىنى" ئەسكەرتتى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، سۆھبەتتە خىتاي تەرەپكە ۋەكىللىك قىلغان مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، سۆھبەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. ئەمما تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە ئۇچۇر مىنىستىرى دابۇ سۇناڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۆھبەت تېمىسى ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ماڭغان. ئۇ، " ۋەكىللەر 3 - ۋە 4 - قېتىم ئۇچراشقاندا سۆھبەت مەزمۇنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چېتىلىشقا باشلىدى، دەيدۇ.
ئاپتونومىيە بېرىش ئۈچۈن قانۇننى ئۆزگەرتىش كېرەك ئەمەس
دابۇ سۇناڭنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن. ئۇ، تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىش ئۈچۈن خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دابۇ سۇناڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، "تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ، بىزنىڭ تەلىپىمىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلىگەن ماددىلارنى تىبەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ئېھتىياج ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىنلا بۇ ۋەدىنى بەرگەن" دەيدۇ. ئۇ، تىبەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن مەمۇرىي رايون ئىچىدە ياشاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "ھازىر تىبەت نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدا قالدى. بۇ مانجۇ خانلىقى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىن قالغان "بۆلۈپ باشقۇرۇش" سىياسىتىنىڭ داۋامى. ئەگەر تىبەتلەر باراۋەر بىر مىللەت بولسا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تىبەتلەرگە مۇستەملىكىچىلەر مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارغا يۈرگۈزۈدىغان بۇ سىياسەتنى يۈرگۈزۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ تەكىتلىگەن.
زېمىن مەسىلىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەمىمىيىتىگە باغلىق
تىبەتنىڭ بۇرۇنقى مەمۇرىي چېگرىسى1965 - يىلى تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ھازىرقى چىڭخەي ۋە سىچۈئەننىڭ كەڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەمما 1959 - يىلدىكى تىبەت ئىسيانىدىن كېيىن ،خىتاي ھۆكۈمىتى كونا تىبەتنىڭ يۇقىرىقى رايونلىرىنى چىڭخەي ۋە سىچۈئەنلەرگە قوشۇۋەتكەن. شۇڭا تىبەتنىڭ مەمۇرىي چېگرىسى كونا تىبەتنى ئاساس قىلامدۇ ياكى تىبەت ئاپتونوم رايونىنى ئاساس قىلامدۇ، دېگەن مەسىلە، دارامسالا بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ بىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دابۇ سۇناڭنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر بىرلىكىگە كېلىش - كېلەلمەسلىكى پۈتۈنلەي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى بار - يوقلۇقىغا باغلىق ئىكەن.
بەزى ئانالىزچىلار، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دالاي لاما ۋاپات بولسا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ كۈچى بۆلۈنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە، دالاي لامانىڭ ۋاپاتىنى كۈتمەكتە، دەپ قارايدۇ. ئەمما دابۇ سۇناڭ بۇ قاراشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "دالاي لاما ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ چاغدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بۇنداق بىر رەھبەرنى تاپالماسلىقى مۇمكىن ".
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تىزلىتىشىگە دالاي لاما ۋاپات بولسا تىبەتلەردە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان رەھبەرلىك بوشلۇقى كېلىپ چىقىپ، تىبەتلەرنىڭ قوراللىق تىركىشىش يولىغا مېڭىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)