تىبەتتە ساقچىلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى


2007.11.27

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى تىبەتنىڭ شىمالىدىكى ناكچۇ رايونىنىڭ بايگا يېزىسىدا، 600 دىن ئارتۇق تىبەتلىك بىلەن يېزا ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ھۆكۈمەت ۋەقەنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 800 نەپەر قوراللىق ساقچى ئورۇنلاشتۇرغان.

توقۇنۇش تىبەتنىڭ ناكچۇ رايونىدا يۈز بەرگەن

تىبەتنىڭ ناكچۇ رايونىدىكى بايرۇ ناھىيىسىگە تەۋە بايگا يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. رويېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، نەچچە يۈزلىگەن تىبەتلىك چارۋىچىلار شۇ جايدىكى ساقچى پونكىتىنى قورشاۋغا ئالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن 800 نەپەر قوراللىق ساقچىنى ئىشقا سالغان.

ئەسلىدە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى بايگا يېزىسىدىكى ئۈچ نەپەر راھىب، مەزكۈر يېزىدىكى بىر خىتاي تەرىپىدىن ئېچىلغان دۇكاندىن نەرسە كېرەك سېتىۋالماقچى بولغاندا دۇكان ساھىبى بىلەن جېدەللىشىپ قالغان. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ساقچى دۇكان ئىگىسىگە ھېچقانداق گۇناھ ئارتماي، راھىبلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن.

ساقچىلار 3 راھىبنى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىپ، قاتتىق ئۇرغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يېزىدىكى تىبەتلەردىن 600 كىشى، خىتاينىڭ دۇكىنىنى ئۇرۇپ ‏- چېقىپ ۋەيران قىلغاندىن سىرت، بايگا يېزىلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ساقچى پونكىتىنى قورشىۋېلىپ، مەزكۈر ئورۇنلارغا تەۋە ئاپتوموبىللارنى ئۆرۈۋەتكەن.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن باش تارتتى

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىقراق ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، بايرۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفۇن قىلدۇق، ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بايگا يېزىسىدا ھەقىقەتەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن باش تارتتى.

" يۈز بەرگەن ئەھۋال تازا ئېنىق ئەمەس، بىز تۇرۇۋاتقان جاي ئۇ يەردىن بىر ئاز يىراق، ساقچىلار ئۇ يەرگە كەتتى، بىز ئېنىق بىلمىدۇق، بۇ يەردىمۇ..."

تىبەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى ‏- يامانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا ساقچى خادىم ":خىتاي ‏- تىبەت مۇناسىۋىتى، بىزنىڭ بۇ يەردە ھېچقانداق گەپ يوق، ناھايىتى ياخشى، ئەمما باشقا جايدا قانداق مەن تازا ئېنىق بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بەردى.

رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تىبەت چارۋىچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدىن تازا قايىل بولمىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇكان خوجايىنى ئالدى بىلەن قول كۆتىرىپ راھىپلارغا مۇش ئاتقان، ئەمما ساقچىلار بولسا راھىبلارنى قولغا ئېلىپ، خىتاي دۇكان خوجايىنىغا ھېچقانداق چارە كۆرمىگەن.

خەۋەردە يەنە، 800 نەپەر ساقچىنىڭ بايگا يېزىغا يېتىپ بارغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ جاينىڭ سىرتقا ئۇلىنىدىغان تېلېفۇن لىنىيىسىنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز بايگا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ۋە يېزا ئاھالىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇق. ئەمما تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ھېچكىم ئالمىدى.

80 ‏- يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلار تىبەتكە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، تىبەتتە سودا ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. تىبەتنىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىدىمۇ خىتايلارنىڭ دۇكان ئېچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

چەتئەلدىكى تىبەت تەشكىلات خادىملىرىنىڭ قاراشلىرى

چەتئەلدىكى تىبەت - خىتاي بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى جاشى دۇڭجۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورمالدا تىبەتتە خىتايلار بىلەن تىبەت پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامان ئەمەس ئىكەن.

جاشى دۇڭجۇ مۇنداق دەيدۇ ": تىبەتتە خىتاي بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا ئانچە چوڭ ئىختىلاپ يوق، مېنىڭچە ئۆز ‏- ئارا تارتىشىپ قالىدىغان ۋە بېسىقىپ قالىدىغان ئۇششاق - چۈشەك ۋەقەلەر كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن دىنغا بېرىپ تاقىشىدىغان ۋەقەلەر، مەسىلەن، راھىب ۋە لامالارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرگە تىبەت خەلقىنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى جىددىي. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇنداق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ."

جاشى دۇڭجۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىگە ئوخشاش، تىبەتلەر ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدىكى زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى تەبىئىي بىر ئەھۋال، بىراق خىتاي بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ياكى دىنىي توقۇنۇش، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن جىددىي قارايدىغان سىياسىي مەسىلە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق توقۇنۇشنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان سىياىسي ئۆكتىچىلىك ھادىسىسى دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مەزكۈر ئىككى رايوندا ئەركىن زىيارەت قىلىشىنى توسۇشىنىڭ ئۆزى، دەل بۇنىڭ ئېنىق دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.