'تىبەتلەر خىتاي بەلگىلەپ بەرگەن دالاينى قوبۇل قىلمايدۇ'

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، دۈشەنبە كۈنى تىبەتلىكلەرنىڭ " دالاي لاما" تۈزۈمى ھەققىدە توختىلىپ، بۇندىن كېيىن "دالاي لاما تۈزۈمى"نىڭ خەلقنىڭ رايى بويىچە يۈرگۈزۈلسە بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلار بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.02.24
Dalay-lama-Washingtonda-muxbirlar-yighini-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ 18 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، 22 - فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانجىلىس شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،" ئەگەر تىبەت خەلقى "دالاي لاما"لىقنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمىنى ئەمدى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىسا، بۇ تۈزۈمنى توختىتىشقا بولىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر "دالاي لاما تۈزۈمى" گە مەندىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك قىلىدۇ" دېگەن.

ھازىرقى دالاي لاما ، تىبەتلەرنىڭ لاما دىنىدىكى 14 -نۆۋەتلىك " دالاي لاما" سى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 7 - ئايدا 75 ياشقا كىرىدىكەن. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەتكە بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى تىبەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دىنىي داھىيسى ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانى بولۇپ، 1959 - يىلى تىبەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى پارتلىغان تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ دارىمسالا رايونىغا كەتكەن ئىدى. شۇندىن كېيىن خىتاي كونتروللۇقىدىكى تىبەت رايونىدا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دالاي لاما تۈزۈمى ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.

دالاي لامانىڭ كاتىپى چىمې چوئېكياپسنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، دالاي لامانىڭ " دالاي لاما تۈزۈمى" ھەققىدە توختىلىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىكەن. چىمې چوئېكياپس مۇنداق دېگەن: "دالاي لامانىڭ بۇ سۆزنى قىلىشى يېڭىلىق ئەمەس. ئۇ ئىلگىرىمۇ بۇ گەپنى قىلغان ئىدى. 1969 - يىلىلا بۇ ھەقتە توختالغان ئىدى. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى " ئەگەر بۇ تۈزۈمنى تىبەت خەلقى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىسا داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ" دېمەكچى. ھازىر بۇ تۈزۈمنى يۈرگۈزۈۋاتقانلار پەقەتلا تىبەتلەرلا ئەمەس، بەلكى موڭغۇللار ھەم ھىندىستاندىكى بىر قىسىم ھىندىلار ئارىسىدىمۇ بۇ خىل تۈزۈم بار."

دالاي لامانىڭ تىبەت دىنىي فوندىنىڭ باشلىقى داۋار سەيرىنمۇ تىبەت خەلقىنىڭ يەنىلا دالاي لاما تۈزۈمىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "تىبەت خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىبەت خەلقى ئەلۋەتتە 'دالاي لاما تۈزۈمى'نىڭ داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى تىبەت خەلقىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا 'دالاي لاما' تىبەتلىكلەر ئۈچۈن خەلقنى قوغدىغۇچى بىر ئىلاھ سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. شۇڭا 13 - ئەسىردىن باشلاپ بۇ تۈزۈم ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ."

دالاي لامانىڭ كاتىپى چىمې چوئېكياپس دالاي لامادەك بىر داھىينىڭ تىبەت خەلقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەتلەر ئۈچۈن تەيىنلەپ بەرگەن ھەر قانداق بىر " دالاي لاما" نامزاتىنى تىبەت خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: "ئەگەر تىبەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىسە، تىبەت رايونى يەنىلا ھازىرقىدەك ئەھۋالدا تۇرسا، ئۇ ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى تەيىنلىگەن دالاي لاما نامزاتىنى تىبەتلەرگە دىنىي داھى قىلىپ تېڭىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالنى تىبەتلىكلەر قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇنى پەقەت تىبەتلەرلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەرنىڭ لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قانداق بىر لاما دىنى مۇرىتىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ."

تىبەتلەردە دىنىي ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان 2 داھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى "دالاي لاما" يەنە بىرى "بەنچەن لاما" ئىدى. 1989 - يىلى بەنچەن ئېردىنىي ئۆلگەندىن كېيىن دالاي لاما 11 - نۆۋەتلىك بەنچەن لاما نامزاتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما كۆرسىتىپ بەرگەن " بەنچەن لاما" نى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۆز ئالدىغا يەنە بىر "بەنچەن لاما" ھەم " دالاي لاما" نامزاتىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيلىرىنى بەلگىلەپ بېرىش قىلمىشى، لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تىبەت خەلقى ھەم موڭغۇللار تەرىپىدىن شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

دالاي لامانىڭ كاتىپى چىمې چوئېكياپس سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دالاي لامانىڭ كۆپ قېتىم، دالاي لامادىن ئىبارەت بۇ تۈزۈمدە، دالاي لامانىڭ ئاساسەن دىنىي داھىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، تىبەتلەردە بۇندىن كېيىن دىنىي داھىي بىلەن سىياسىي داھىينىڭ ئايرىۋېتىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، تىبەتنىڭ سىياسىي داھىيسىنى خەلق دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن ، بەلكى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيلىرىنىمۇ كوممۇنىست پارتىيە بەلگىلەپ بېرىش ئارقىلىق، تىبەت خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي بەلگىلەپ بەرگەن "دالاي لاما" ھەم "بەنچەن لاما" لارنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.