تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى

تىبەت كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 50 - يىلى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئون نەچچە مىڭ تىبەتلەر، سەرگەردان ھۆكۈمىتى جايلاشقان دارامسالاغا يىغىلىپ دۇئا - تىلاۋەت ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.03.10
dalay-lama-usa-305 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 17 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻏﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯧﺪﺍﻝ ﻫﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

10 - مارت تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بۇ كىشىلەرگە سۆزلىگەن نۇقتىسىدا خىتاينىڭ ئۆتكەن 50 يىلدا تىبەتنى " پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا ئايلاندۇردى" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
نەنسىي پېلوسى: "ئەگەر ئەركىنلىكنى سۆيگۈچى خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تىبەت ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقمىساق، ئۇنداقتا بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ھەققىدە سۆز ئاچىدىغان ئەخلاقى نوپۇزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز،"
تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 - يىللىق خاتىرە كۈنى، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جايلاشقان دارامسالا، مەزكۇر خاتىرە كۈنى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە يىغىلغان 10 مىڭلارچە تىبەت بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى.

دالاي لاما: خىتايلار تىبەتنى " پانىي ئالەمدىكى دوزاخ" قا ئايلاندۇردى

10 - مارت ئەتىگەن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما دارامسالادا خاتىرە كۈنى ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلانغان كىشىلەر توپىغا نۇتۇق سۆزلىدى. دالاي لاما نۇتقىدا، تىبەتنى خىتايلار بېسىۋالغان ئۆتكەن 50 يىل جەريانىدا تىبەتنىڭ بەئەينى " پانىي ئالەمدىكى دوزاخ" قا ئايلانغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھەتتا نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ تىبەتتىكى مەزكۇر مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
دالاي لاما خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1959 - يىلىدىن بۇيان تىبەتتە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان زوراۋان سىياسەتنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تېخى سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەت ۋە خانى - ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: " بۇ زەربىلەر تىبەت خەلقىنى چوڭقۇر ئازاب - ئوقۇبەتكە، جەبرى - جاپاغا دۇچار قىلىپ، ئۇلارنى بەئەينى يورۇق ئالەمدىكى دوزاخقا مەھكۇم قىلدى" دېدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى تىبەتتە ئېلىپ بارغان ھەرخىل ھەرىكەتلەر تۈپەيلى تىبەتتە مىڭلىغان، مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان دالاي لاما يەنە: " ھەتتا مۇشۇ دەقىقىلەردىمۇ، تىبەتتىكى تىبەت خەلقى ئىزچىل قورقۇنچ ئىچىدە ياشىماقتا" دېگەن سۆزلەرنى بايان قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان.

دالاي لامانىڭ نۇقتىدىن كېيىن، دارامسالادا مىڭلىغان تىبەت ياشلىرى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ نامايىشلارغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدە تىبەت ۋە تىبەت قوللىغۇچىلىرى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشلار جور بولغان.

جۈملىدىن بۈگۈن كانادادىكى تىبەتلەر ۋانكۇۋېر شەھىرىدە تەشكىللىگەن نامايىشقا كاندا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى نامايىشچىلار قوشۇنى بىرلىكتە "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، " تىبەتلەرگە ئەركىنلىك" دېگەن شوئارلارنى بىرلىكتە توۋلاشقان.

دالاي لامانىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي ھەرىكىتى نۇرغۇنلىغان غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.مەلۇم بولۇشىچە، چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە گرېتسىيىنىڭ پارلامېنت بىناسىنى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە، تىبەت بايرىقى چىقىرىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىدە 190، شۋېتسارىيىدە 120 ئورۇندا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىنالىرى تىبەت بايرىقىنى چىقارغان.

نەنسىي پېلوسى: "ئەركىنلىكنى سۆيگۈچى خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تىبەت ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىمىز"

ئامېرىكا تىبەت ھەرىكىتىنى قىزغىن قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسى يەنى 9 - مارت، بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينى تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قىستايدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى  تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، نەنسىي پېلوسى: "ئەگەر ئەركىنلىكنى سۆيگۈچى خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تىبەت ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقمىساق، ئۇنداقتا بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ھەققىدە سۆز ئاچىدىغان ئەخلاقى نوپۇزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز،" دېگەن.

تىبەت خەلقى 1959 - يىلى 12 - مارت تىبەت مۇستەقىللىقنى قايتا جاكارلىغان

خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى تىبەتكە بېسىپ كىرىپ 9 يىلىدىن كېيىن، يەنى 1959 - يىلى 10 - مارت، تىبەت خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 12 - مارت تىبەت مۇستەقىللىقنى قايتا جاكارلىغان. ھالبۇكى، تىبەت ئارمىيىسى سان ۋە قورال سۈپىتى جەھەتتىن خىتاي ئارمىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن بولغاچقا قوزغىلاڭ شۇ يىلى 19 - مارت مەغلۇبىيەت ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى 1962 - يىلىغىچە داۋام ئەتكەنلىكى مەلۇم.

قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى تىبەتتىن چېكىنىپ چىقىپ ھىندىستانغا كېلىپ دارامسالادا تىبەتلەرنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى 10 - مارت تىبەت قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.