تىل-يېزىق، مائارىپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى

ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى شۇنداقلا مىللىي مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىنىڭ بىرى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.09.24
Xoten-qosh-til-mek-maw-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ - ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

مەيلى خىتاي ئىمزا ئاتقان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر ۋە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى، تىل-يېزىق ھەمدە مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى ھەمدە مائارىپىنى قوغداشتا، ئىنتايىن پۇختا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىپ بۇ خىل قانۇن-نىزاملار قانچىلىك ئىجرا قىلىندى؟ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەر ئۇيغۇرلارنى يەنە قايسى خىل ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا؟ ئۇيغۇرلار تىل-يېزىقى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىگە دائىر قانۇنىي ماددىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ «ھەق-ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا تەييارلىغان يۈرۈشلۈك پروگراممىسىنىڭ بۈگۈنكى قىسمى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى ھەمدە مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تېما قىلىدۇ.

خىتاينڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يېزىقىنى ئىشلىتىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ماددىلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ-4 ماددىسىدا:
«مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېيىلگەن. مانا بۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىقىغا ئالاقىدار قانۇنىي مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر ماددىلاردىن باشقا يەنە، ئاپتونومىيىلىك تېررىتورىيە قانۇنىنىڭ 37-ماددىسىدا ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا مائارىپ ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى ھەققىدە مەخسۇس ماددىلار كىرگۈزۈلگەن. يەنى:
«مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مائارىپنى ئۆز ئالدىغا راۋاجلاندۇرىدۇ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىدۇ، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئاچىدۇ، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئادەتتىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، شارائىت ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرىدۇ.... ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر، سىنىپلار ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن شارائىتى بارلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلەرنى قوللىنىشى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا دەرس ئۆتىشى كېرەك؛ ئەھۋالغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ياكى يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇ يېزىقىنى كېڭەيتىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىك ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشى كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان سىياسىتى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقارماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇناسىپ نۇرغۇن ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىش ئىمكانىيىتى ۋە رولىنى تارلاشتۇرماقتا.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قورالى» دەپ تەنقىدلەپ كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن 2007-يىلى قوبۇل بولۇپ ئېلان قىلىنغان «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ 13، 14، 15-ماددىلىرى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى ۋە مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بولۇپ، بۇ ماددىلاردىمۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل، تارىخ، مەدەنىيىتىنى ئىشلىتىش قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە يېتەرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئەركىنلىكى بارلىقى، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە ماس ھالدا ئۆز تىلىدا مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئايرىم-ئايرىم تىلغا ئېلىنغان ۋە يەرلىك مىللەتلەرنى بۇ ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەت-ياقا يەرلەردە ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ۋە ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى ئۈچۈن بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت، ھۆكۈمران دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايرىم ماددىلار ئارقىلىق ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان تىل-يېزىق ۋە مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى «خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ سىياسەتلەرنى پۈتۈنلەي توختىتىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن تىل ۋە مائارىپقا دائىر ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتلىنىشى ئۈچۈن «ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنى توڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرى بويىچە يېڭى سىياسەت بەلگىلەش، زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىر ئېلىش» تىن ئىبارەت بىر فورمۇلىلاشقان سىياسەت مېخانىزمى شەكىللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.