مەكىتتىكى تۆمۈر دەرۋازىلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭەيمەكتە

يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەلۇم تور بەتتە «سىزمۇ كوچا ئېغىزدىكى تۆمۈر ئىشىك يوچۇقىدىن ئۆيىڭىزگە كېرەمسىز؟» سەرلەۋھىلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چەت رايونلىرىدا يەرلىك دائىرىلەر «ئورگانلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ كىرىپ - چىقىش ئېغىزىغا تۆمۈر دەرۋازا بېكىتىپ، دەرۋازىنى كېچە - كۈندۈز قۇلۇپلاپ قويۇپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نورمال شەكىلدە ئېلىپ بېرىشىغا دەخلى يەتكۈزگەن.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز باتۇر
2012.11.24


خەۋەرنى يازغۇچى بۇ خىل خاتا سىياسەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن مەسلىھەت سوراپ، ئۆزىنى خۇددى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ سىياسەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇنسىزلىققا غەزەپلەنگەن بىرىكىشى ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش باھانىسى بىلەن قۇلۇپنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن، قۇلۇپنى تىقىپ قويغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشىك ئالدىغا ساقچى ماشىنىلىرى پەيدا بولۇپ، قۇلۇپنى تىقىپ قويغۇچىنى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ كېتىپ بىر نەچچە كۈن قاماپ قويغان.

بۇ خەۋەر تور بەتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە نارازىلىق قوزغاشقا باشلىغان. خەۋەرگە قايتۇرۇلغان بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا. بۇ سىياسەت ياغلىقتىمۇ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شايار ناھىيىسىدىمۇ كوچا ئېغىزلىرىغا تۆمۈر دەرۋازىلارنىڭ ئورنىتىلغانلىقى، ھازىرچە ئوچۇق ئىكەنلىكى ئىنكاس سۈپىتىدە يېزىلغان.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى، بىر يىلنىڭ ئالدىدا ياغلىقتىمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان كىشىلەردىن ئاتالمىش ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى تەشكىللەپ، مەھەللىگە كىرىپ - چىقىۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ يىل ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆيىگە تېلېفون قىلغىنىدا، 1 - ئۆكتەبىر كۈنى قاغىلىقتىكى ھەربىي گازارمىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاغىلىقتا ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىلەر ئارا بېرىپ - كېلىشىنىڭ قۇلايسىز ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىزنىڭ بۇ ئەھۋال ھەققىدە 24 - ئۆكتەبىردە بېرىلگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى مەكىت كوچىلىرىدىكى تۆمۈر دەرۋازىلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، كوچا ئېغىزلىرىغا ئورنىتىلغان دەرۋازىلارنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دەرۋازىلارنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېر گېرمانىيسىنىڭ پولشادا يەھۇدىيلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەم ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي مەھەللىلىرىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى ئەسكە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى، ئەرەب ئەللىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەرەب باھارى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن مىسلىسىز ئويغىنىشتىن قورقۇپ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكتىن، بۇ خىل تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ ھەرىكەت قىلىپ، بۇ خىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشنى تور دۇنياسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىتىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي زۇلۇمىغا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئاممىۋى پىكىر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى، شەھەرلەردە كۆپلەپ ئېلېكترونلۇق كۆر ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن بولسا، چەت يېزا - قىشلاقلاردا مەھەللە كوچا ئېغىزلىرىغا تۆمۈر دەرۋازىلارنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئىلىنى 21 - ئەسىردە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈستى ئوچۇق ئەڭ چوڭ تۈرمىگە ئايلاندۇرماقتا. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كېلىشتىن سىرت، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە خىلاپ بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.