تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرجىيەس زەفەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى


2006.08.07
erjiyes-kurulteyi2.jpg
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرغان چېدىر.

8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە قەيسىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2200 مىتېر ئېگىزلىكتىكى ئەرجىيەس تېغىدا 17-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى زەپەر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قۇرۇلتاينى تۈركىيە مىللەتچى پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە رايونلىرىدىن، ئورتا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، كافكاسىيە ۋە بالقانلاردىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن، شىمالىي ئىراقتىن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن بولۇپ نەچچە يۈز مىڭ كىشى بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلتاي مەيدانى بولغان ئەرجىيەس تېغىدا ناھايىتى كۆركەم چېدىر قۇردى. ئۇلار ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى تېمىسىدا رەسىملىك كۆرگەزمە ئاچتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قۇرۇلتايغا تەخمىنەن 400 مىڭ كىشىنىڭ قېتىلغانلىقىنى يازدى، قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مەسئۇللىرى بولسا 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى مەسئۇلى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بۇ قۇرۇلتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى دېدى.

بۇ قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ياچېيكا باشلىقى ئۆمەر فارۇق مۇرات ئەپەندى بۇ قۇرۇلتاينى ئېچىش مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

شۇ تاپتا بۇ يەردە تۈركىيىنىڭ 81 ۋىلايەت ۋە ناھىيىسىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋە ئامما بار. بۇلاردىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بولۇپ 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى قەيسىرى ياچېيكىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن بۇنچىۋالا مېھمانغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى بەختلىك ھەس قىلىۋاتىمىز.

erjiyes-kurulteyi1.jpg

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىنتايىن چوڭ بىر چېدىرنى ئېچىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋەتىپتۇ. خىتاي ئەلچىسى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن بىرەر نارازىلىق كەلدىمۇ؟

بۇنداق بىر بېسىم كەلمىدى. كەلسىمۇ ھەم بىزنى توسالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ يەردە چېدىر ئېچىشىغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېزراق مۇستەقىللىقىگە ئېرىشىشىدۇر. كۆڭلىمىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن بىرگىدۇر.

سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بۇ قۇرۇلتايدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى تونۇشتۇرىۋاتقانلىقى ئېييتى. شەرقىي تۈركىستان چېدىرىنى ئايلىنىۋاتقان تۈركىيىنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدىن كەلگەن مەمەت ئىسىملىك بىر كىشى كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى بىزگە كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئاڭلاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

كەچۈرۈڭ. يىغا تۇتقاچقا گەپ قىلالمايۋاتىمەن. شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ تۈرك ھەم مۇسۇلمانلىقىمدىن نومۇس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى پۇتۇن تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ زۇلۇمدىن بىخەۋەر ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئوز دۆلەتلىرىدە راھەتتە ياشاۋاتقان كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ رەھىمسىز خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا مۇنداق ئېزىلىشى مەنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۆتكەن يىلىمۇ زىيارەتكە كەلگەن ئىدىم، بۇ يىل دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە كەلدىم. ئاللاھ دۇنيادىكى تۇم مەزلۇملارنىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن.

قىر شەھىردىن كەلگەن گۈلشەن ئىسىملىك بىر خانىم كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن نىمىلەرنى ھەس قىلىۋاتىسىز، دېگەن سۇئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:

بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم. شىددەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى پۇتۇن تۈرك دۇنياسى بىرلىشىشى كەرەك دەپ قارايمەن. ياشلارغا ۋە بالىلارغا بۇ ھەقتە تەربىيە بەرىلىشى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.