ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن چاپچالدىكى تەبىئىي توقايلىق ھەققىدە ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا باردى

چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن ئۆز يېزىسىدىكى دېھقانلارغا ۋاكالىتەن، ئۆز يېزىسىدىكى تەبىئىي ئورماننىڭ يەرلىك پارىخور ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ھەم تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ بېيجىڭغا بارغان ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بىرى.

2012.06.27
toqayliq-305.png ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەبىئىي توقايلىقلار
Public Domain


چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىغا قاراشلىق 5000 مو دائىرىنى ئىگىلەيدىغان توقايلىق دەپ ئاتىلىدىغان مەنزىرە رايونى، ئىلى دەريا بويىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەبىئىي ئورمان بەلۋىقىنىڭ بىرى. ئەمما 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا بۆلۈپ بېرىش شامىلىدا، ئىلى دەريا بويىدىكى بۇ گۈزەل توقايلىقمۇ تالان - تاراج قىلىنىشقا باشلىغان.

چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 80 - يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېزىلاردا كوپىراتسىيە تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، يەرلەر دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلگەن مەزگىللەردە، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەنزىرە رايونى دەپ بېكىتىلگەن توقايلىق يېزىدىكى دېھقانلارغا قاراشلىق ئومۇمنىڭ يېرى دەپ ئېلان قىلىنىپ، دېھقانلارغا تەقسىم قىلىنمىغان. ئەمما 2011 - يىلىدىن باشلاپ ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار توقايلىقتىن تەخمىنەن 700 مو ئەتراپىدىكى جاينى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي تىجارەتچىلىرى ھەم غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەرگە سېتىپ بېرىپ، يەر سودىسىدىن كىرگەن پۇلنى ئۆز چۆتىكىگە سالغان. يېزىسدىكى دېھقانلارنى توقايلىقتىن ئوتۇن تېرىپ ئەكەلسىمۇ تەبىئىي مۇھىتنى بۇزدى دەپ دېھقانلاردىن جەرىمانە ئالىدىغان ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسى خادىملىرى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چاپچال ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەم كان يېزىسى دائىرىلىرى يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان توقايلىقنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ سېتىۋېتىش ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلىقى بار كادىرلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلاردىن دىلمۇرات قاتارلىقلارنى «قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ جازالاشقا ئۇرۇنغان.

ئەرزدار دىلمۇرات مۇسلىن ئۆزىنىڭ ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ھەم مۇشۇ كۈنلەردە يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن ئابدۇۋېلى ھەم ئەسەت ئىسىملىك يېزا كادىرى ھەم ساقچىنىڭ تەھدىتى ھەم پوپوزا قىلىشلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كان يېزىسىدىكى دېھقانلار ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن توقايلىق بۇلتۇردىن باشلاپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن توقايلىقنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن دېڭ يىچاڭ، ئەنۋەر قاتارلىق ئورمان قاراۋۇللىرى ھەم يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى پولات، تىلىۋالدى، ئابلىمىت روزاخون قاتارلىق يېزا كادىرلىرى تەرىپىدىن، ئۆز ئىچىدىن كېلىشىپ سېتىۋېتىلىگەن. ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئەرز قىلغان دېھقانلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىغان. يەرلىك دائىرىلەر پولات قاتارلىق ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، دېڭ يىچاڭ قاتارلىق خىتاي كادىرلىرىنى ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسىغا يۆتكەپ كېتىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ غەزىپىنى بېسىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ۋەيران قىلىنغان توقايلىق ھەم سېتىۋېتىلگەن 700 مو ئەتراپىدىكى ئورمانلىقتىن كىرگەن پۇلنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى دېھقانلارغا ئۇقتۇرۇلمىغان. نەتىجىدە دىمۇرات مۇسلىن دېھقانلارغا ۋاكالىتەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئەرز ئۈچۈن 2 ئاي ئىلگىرى بېيجىڭغا بارغان. دىلمۇراتنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن چاپچال ناھىيىسى كان يېزىسىدىن يېزىنىڭ قانۇن خادىمى ئابدۇۋەلى ھەم يېزىلىق ساقچىخانىدىكى ئەسەت ئىسىملىك ئىككى كىشى بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلار دىلمۇراتنىڭ دېھقانلارغا ۋاكالىتەن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىشىنى «مالىمانچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق» دەپ ئەيىبلەپ، دىلمۇراتنى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دىلمۇراتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىككى نەپەر خادىمىغا تېلىفون قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەرزدار دىلمۇراتنى قايتۇرۇپ كېتىشتىكى مەقسىتى ھەم يەرلىك دائىرىلەرنىڭ توقايلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشكە تىرىشتۇق.

يېزىنىڭ قانۇن كادىرى ئابدۇۋەلى تېلىفونىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچى خادىمى ئەسەت تېلىفونىمىزنى ئالدى.

ئەسەت ئىسىملىك ساقچى سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ دىلمۇرات مۇسلىننى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ دىلمۇرات مۇسلىننى قايتۇرۇپ كېتىشتىكى شەرتلەر ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ توقايلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى قارارى قاتارلىقلارغا ئۆزىنىڭ تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئۆزىگە بېرىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى ئېيتىپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، بىز پروگراممىمىز داۋامىدا يەنە، كان يېزىسىدىكى باشقا دېھقانلارنىڭ شۇنداقلا كان يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم چاپچال ناھىيىلىك ئورمان ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ توقايلىقنىڭ بۆلۈپ سېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.