خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا بازىرىغا تەھدىت بولماقتا


2005.04.25
CHINA_US_TEXTILE_ROLLS_62.jpg
11-يانۋار كۈنى، شاڭخەيدىكى بىر رەخ تىجارەتچىسى ماللىرىنى رەتلىمەكتە. AFP

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ خەلقئارادا توقۇمىچىلىق ماللىرىنى چەكلەش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئېكىسپورت ماللىرى شىددەت بىلەن ئاشقان. شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا قارىتا چەكلىمە قويۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشى بىلەن، ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ خىتاي ماللىرىغا قارشى نارازىلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئەۋج ئالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مىنىستىرى پېتېر ماندېلسون بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا مىنىستىرلىرى بىلەن مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. مەندېلسوننىڭ باياناتچىسى ستىۋىن ئادامس بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەندېلسون خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر قىسىم توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن خىتاي ماللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدى. ئەمما بىز مەندېلسوننىڭ قايسى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ قايسى خىلدىكى ماللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ھازىرچە ئاشكارىلىيالمايمىز. بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلار، مەندېلسوننىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىنىدىن كېيىن ئاممىغا ئېلان قىلىنىدۇ".

بۇ يىل، خىتاينىڭ ياۋروپاغا چىقارغان توقۇمىچىلىق ماللىرى ٪ 160 تىن ئاشتى

گەرچە ستىۋىن ئادامس ئۇلارنىڭ قولىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ئەرز سۇنغان ياۋروپا ئىتتىپاقى توقۇمىچىلىق سانائىتى ئويۇشمىسىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئىلمە توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكىسپورت قىلىنىشى بۇ يىل بىرىنچى ئايدىلا ئاۋالقىدىن 160٪ ئاشقان. شۇنداقلا مەزكۇر ئۇيۇشما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتاينىڭ ئىشتان، كۆينەك، مايكا، كاستيوم، بۇرۇلكا ۋە چاپان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 تۈردىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئەگەر تۇيۇقسىز خىتاي ماللىرى پۈتۈن ياۋروپانى قاپلاپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ يەردىكى بازار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ ھەمدە بۇ دۆلەتلەردە نەچچە مىليون توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئىشسىز قالىدۇ.

ياۋروپادا مىليونلىغان توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن

ستىۋىن ئادامس زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ كۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"مەسىلەن، ماراكەش، تۇنىس ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەر. ئۇلار زور كۆلەمدىكى توقۇمىچىلىق سانائىتىگە ئىگە ھەمدە ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ياۋروپا بازىرىغا تايىنىدۇ. ماراكەش، توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ٪ 95 ئىنى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىدۇ. ئەگەر تۇيۇقسىز خىتاي ماللىرى پۈتۈن ياۋروپانى قاپلاپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ يەردىكى بازار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ ھەمدە بۇ دۆلەتلەردە نەچچە مىليون توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى ئىشسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىشىلەر بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل كىشىلەر بولىشى مۇمكىن ".

خىتاي باش مىنىستىرى يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى خىتاي ماللىرىنى چەكلەش ئېقىمىغا قارشى چىقىپ، خەلقئارا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باج قويۇشقا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك چارىلەرنى قوللۇنۇپ، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي بۇنى كونترول قىلمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزى چارە قوللىنىدۇ

ناۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرى ئىمپورتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەسمىي قارار قىلسا، ئۇ ھالدا بۇ تەكشۈرۈش ئۇزۇن بولغاندا 60 كۈن داۋاملىشىدىكەن. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ ئىمپورت ماللىرى ھەقىقەتەن ياۋروپانىڭ توقۇمىچىلىق بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەنلىكى ئېنىقلانسا، ئۇ چاغدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە دەرھال سۆھبەتلىشىدىكەن. شۇنداقلا بەلگىلىمە بويىچە، خىتاي چوقۇم 15 كۈننىڭ ئىچىدە چارە قوللۇنۇپ ئېكىسپورت ماللىرىنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن، ئۇنداق بولمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىق چارە قوللىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاركېنساس شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا سۈركۈلۈشلىرى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور زېڭ كا خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشتا چارە قوللۇنۇپ، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنى چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

"بۇرۇنمۇ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە ئوخشاش بەزى بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ئۆزلىكىدىن ئېكىسپورتنى كونترول قىلىش كېلىشىملىرى بار ئىدى. شۇڭا مېنىڭچە خىتايمۇ ئۆزلىكىدىن مۇشۇ چارىنى باشتا قوللىنىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ چارە نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ، مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالايدۇ دەپ قارىمايمەن."

زېڭ كا خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان سودا سۈركۈلۈشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەسلى ئىشلەپچىقىرىش سانائەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە خىتاينىڭ بايلىقىنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.(پەرىدە )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.