ئامېرىكىنىڭ خىتاي مېلىغا چەكلىمە قويۇشى تۈركلەرنى سۆيۈندۈردى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان پاختىدىن ئىشلەنگەن ئىشتان-كۆينەك ۋە ئىچ كېيىملەرگە بىردەك سان چەكلىمىسى قويغان ئىدى. بۇ ھەۋەر تۈركىيىدىكى توقۇمىچىلىق كارىخانىچىلىرىنى سۆيۈندۈردى. چۈنكى توقۇمىچىلىق ساھەسىدە خىتاي تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىپلىرىدىن بىرى.

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان تۈركىيە توقۇمىچىلىق ئېكىسپورتچىلار بىرلىكى ئامېرىكا ۋەكىلى زىيا ئەپەندى “ئامېرىكىدىن كېيىن ياۋرۇپا بىرلىكىمۇ خىتاي مېلىغا چەكلىمە قويۇشى مۇمكىن. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق” دېدى.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئالماقچى بولسىڭىز تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.