ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سنوۋ بىلەن ئامېرىكا فېدېرال زاپاس فوندى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالەن گرىنسىپانلار پات يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا توقۇمىچىلىق جەمئىيىتى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىغا 13 تۈر بويىچە چەكلىمە قويۇش تەكلىپىنى ئويلىشىمىز، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى توقۇلما بۇيۇملار كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش كومىتېتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 13 تۈرلۈك خىتاي توقۇلما بۇيۇمىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇش - قويماسلىق مەسىلىسىنى كېلەر يىلى 1 - ئايدا قارار قىلىدىكەن.
خىتايلار قارارغا ئېتىراز بىلدۈردى
خىتاي سودا مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 13 تۈرلۈك خىتاي توۋارىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇشنى ئويلىشىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا "قەتئى قارشى تۇرىدىغانلىقى" نى تەكىتلىمەكتە. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملىرىگە خىلاپ، دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەر شارى بويىچە توقۇلما بۇيۇملىرىغا ئىمپورت چەكلىمىسى قويۇش بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئېقىپ كېرىشكە باشلىغان. بەلگىلىمە بويىچە، ئەگەر ئامېرىكا توقۇمىچىلىق ساھەسى بەزى توۋارلار بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سودا تەرتىپىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دەپ قارىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن قوغداش تەدبىرى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى.
6 - نۆۋەتلىك سۆھبەت يېقىندا باشلىنىدۇ
ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي توقۇلما بۇيۇملار مەسىلىسى بويىچە 5 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ 6 - قېتىملىق سۆھبىتى بۇ ئاي ئىچىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. سۆھبەت مەزگىلى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سىنوۋ ۋە فېدىرال زاپاس فوندى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالەن گرېنسىپانلار خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىگە توغرا كەلمەكتە.
خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمىنى تەڭشەشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا، خىتاينىڭ يېقىندا يولغا قويغان خەلق پۇلىنى ئاز مىقداردا قىممەتلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مەجلىسىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يولدا باسقان قەدىمى يىتەرلىك ئەمەس. بۇش ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۈچ كەلمەكتە.
جون سىنوۋ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىدۇ
جون سىنوۋ بىلەن ئالەن گرېنسىپان، 14 - ئۆكتەبىردىن 16 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلار ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى، جون سىنوۋنىڭ خىتايلار بىلەن خەلق پۇلى ئىسلاھات قاتارلىق ئىقتىسادى مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئەرزان توۋارلارنى ئېكسپورت قىلىپ، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىقنى كۆپەيتىۋېتىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تەكىتلىشىچە، جوڭگونى پۇلنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك مەسىلىسى جون سىنوۋنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەسلى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ھەر 6 - ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان دۇنيا پۇل - مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلاتىنى 15 - ئۆكتەبىردە ئېلان قىلماقچى ئىدى. ئەمما مالىيە مىنىستىرلىكى بۇنى نويابىرنىڭ باشلىرىغا كېچىكتۈرۈپ، جون سىنوۋ بېيجىڭدا خىتايلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان.
ئامېرىكا ئىمپورت چەكلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىدۇ
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 13 تۈرلۈك توۋارغا چەكلىمە قويۇشنى ئويلىشىش بىلەن بىرگە، ئىمپورت چەكلىمىسى بۇ 12 - ئايدا توشىدىغان 9 تۈرلۈك خىتاي توۋارىنىڭ چەكلىمىسىنى ئۇزارتىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى ۋە ئەسلىدىكى چەكلەش- چەكلىمەسلىكنى ئويلۇشىۋاتقان 4 تۈرلۈك توۋارغا چەكلىمە قويۇش - قويماسلىقنى قارار قىلىدۇ. بۇ 4 تۈرلۈك توۋار بۆز، ماتا، شايى- چەكمەن، ئەرلەر ۋە باللىلارنىڭ يۇڭ كىيىمى، سۈنئىي يىپەك قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئەركىن)