خېنەن ئۆلكىسى جوڭمۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق لاڭچېڭگاڭ بازىرىدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى


2004.11.01

ئۆتكەن جۈمە، يەنى 29 -ئۆكتەبىر كۈنى خېنەن ئۆلكىسى جوڭمۇ ناھىيىسىنىڭ لاڭ چېڭگاڭ بازىرىدىكى مۇسۇلمان تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى ۋە ھەتتا ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق زۇۋانىنى ئاچمىغان بولسىمۇ، بىراق لاڭ چېڭگاڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە، ھېچكىمنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

ئوخشاش بولمىغان سان

خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە يەرلىك خەلقتىن بىۋاستە مەلۇمات ئىگىلەپ، ۋەقەدە ھەقىقەتەن يارىلىنىش ۋە ئۆلۈم ھادىسلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن، ھەرقايسى ئاگېنتلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئۆلگەن ئادەم سانى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتى بىر -بىرىدىن خېلى كۆپ دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.

لاڭچېڭگاڭ بازىرىدىكى يەرلىك خەلق، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىگە توقۇنۇشتا 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋەقەدە 7 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى ئاز دېگەندە 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىراق، “نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى” بولسا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 148 گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامما، رويېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى يۈزلىگەن كىشنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، توقۇنۇشتا 18 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 7 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 42 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويىتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ تېنچ ھالەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، بىراق ساقچىلارنىڭ لاڭ چېڭگاڭ بازىرىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

114 نىڭ ئېيتقىنى خاتامۇ؟

توقۇنۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانىنىڭ ھەر خىل بولىشى سەۋەپلىك، بۇ توغرىسىدا ئېنىقراق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز خېنەن ئۆلكىسى جوڭمۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە، جوڭمۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون ئۇردۇق.

ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، مەزكۇر ۋەقەگە مەخسۇس قوماندانلىق ئورنى تەسىس قىلىنىپ، پەقەت شۇلارنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىردەك ھالدا، بۇ ئىشتىن ئۆزلىرىنىڭ تولۇق خەۋەردار بولمىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى ۋەقەنى باشقا ئورۇنلاردىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى ۋە ياكى نەق مەيدانغا كېلىپ زىيارەت قىلىشىمىزنى بۇيرۇپ، بىزگە توقۇنۇش ھەققىدە قانائەتلەنگىدەك جاۋاب بەرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز لاڭ چېڭگاڭ بازىرىنىڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون ئۇردۇق. گەرچە بىز ساقچىخانا نومۇرىنى، تېلېفون نومۇرى ئېنىقلاش مەركىزى 114 تىن قايتا - قايتا سوراپ رەسمىلەشتۈرگەندىن كېيىن، ساقچىخانىغا تېلېفون ئۇرۇپ توقۇنۇش جەريانىنى سۈرۈشتە قىلغان بولساقمۇ، ساقچى خادىملىرى دەسلەپ بۇ ساقچىخانا ئەمەس دەپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى ۋە قايتا - قايتا كەلگەن تېلېفۇنىمىزدىن بىزار بولغان ساقچى خادىملىرى “پىلاستىك ساتىمىز بۇ پىلاستىك چىقىردىغان ئورۇن، پىلاستىك سېتىۋالامسەن، پىلاستىك سېتىۋالدىغانلار كەلدى خوش – خوش” دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئاخىرقى تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمىغا، سىلەر نېمە ئۈچۈن مەسئۇليەتتىن قاچىسىلەر، بۇ لاڭ چېڭگاڭ ساقچىخانىسىغۇ ؟ توقۇنۇش زادى قانداق بىر تەرەپ بولدى، ۋەقەدە قانچە ئادەم ئۆلدى دەپ سورىغىنىمىزدا، خىتاي ساقچىسى بۇ ئىشتىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جاي قامال قىلىنغان

ئىستانسىمىزنىڭ خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرى لاڭچېڭگاڭ بازىرىنى قامال قىلىپ نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان.

يەرلىك ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا بىر قىسىم ئۆيلەر كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نەچچە يۈزلىگەن ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنى ئىشقا سېلىشتىن سىرت ھەمدە يەنە سىرتقا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىشنى قەتئىي چەكلەشنى قارار قىلغان.

بىر خىتاي قىزىنىڭ، تۇڭگان شوپۇر تەرىپىدىن سوقۇلۇپ قازا قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش، خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسدا مىللى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئېچىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە يارلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى قامال قىلىش ئادىتى بويىچە، توقۇنۇشتا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئېلىش قېيىنغا توختىماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.