گۇاڭجۇدا ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار توقۇنۇشتى


2004.11.09

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ گۇئاڭجۇ كۇئاڭچۈئەن ساقچى پونكىتىدىكى بىر ساقچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىسىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى گۇئاڭجۇ شەھىرىنىڭ بەييۈن رايۇنىدا كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى توقۇنۇشقان.

مەزكۇر خىتاي ساقچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە، ئامانلىق ساقچى خادىملىرى بىر ئۇيغۇر كاۋاپچى بالىنى قانۇنسىز تىجارەت قىلدى دەپ كاۋاپ سېتىۋاتقان ئورنىدىن ھەيدەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئۇ ساقچى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ "بۇ ئۇيغۇر بالا كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، قوللىرىغا پىچاق ۋە تۆمۈر توقماقلارنى ئالغان 70 تەك ئۇيغۇرنى باشلاپ كېلىپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى" دىگەن. ئۇ يەنە "توقۇنۇشتا ئۈچ نەپەر ئامانلىق خادىمى يارىلاندى. ئۇلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ساقچىلار. ئىككىسى ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

بىز ئۇيغۇر ساقچىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن نېمە ئالاقىسى بارلىقى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ۋەقە يۈز بەرگەن گۇئاڭجۇ شەھەرلىك بەييۈئەن جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسىگە تېلىفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان بىر نۆۋەتچى خادىم بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

كىم سەۋەبچى؟

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يەنە، گۇئاڭجۇدا ئاشخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق. مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە يۇقىرىقى ساقچىنىڭ دىگەنلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ساقچىلارنىڭ سەۋەبكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى بىر تۈركۈم ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى گۇئاڭجۇ بەييۈن رايونىدىكى بىر بازاردا كاۋاپدان قويغان بىر قانچە ئۇيغۇر بالىنىڭكىدىن كاۋاپ يەپ، پۇلىنى بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ بالىلار نارازى بولۇپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن كاۋاپنىڭ پۇلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغىنىدا، ئۇلار بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇرغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان گۇئاڭجۇدىكى تىجارەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆكتەملىك بىلەن ئۇرغانلىقىغا نارازى بولۇپ، بەييۈن رايونىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن بازارغا يىغىلغان. نەتىجىدە ئىختىلاپ چوڭىيىپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلار توقۇنۇشقان.

تاياق يىگۇچى ئۇيغۇرلار دوختۇرخانىدا

يۇقىرىقى ئۇيغۇر تىجارەتچى، ۋەقەدە خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يىگەن ئىككى ئۇيغۇر بالىنىڭ نۆۋەتتە گۇئاڭجۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئېلىنىپ، داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ قانداق بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ، ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، ئىككى تەرەپنى ئايرىغانلىقىنى، يارىلانغان ئىككى ئۇيغۇر بالىنى دوختۇرخانىغا يوللىغاندىن سىرت، باشقا ئۇيغۇرلارنى ئۆز تۇرالغۇ جايلىرىغا يولغا سالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، ئۇ ھازىرغىچە دىلونىڭ بىر تەرەپ بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كىشى ئاخىرىدا، گۇئاڭجۇدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى بوزەك قىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى شىكايەت قىلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.