گۇئاڭجۇدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان كىشىلەر ساقچى ئەمەس
2004.11.11
ئۆتكەن شەنبە كۈنى گۇئاڭجۇدا تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر كاۋاپچىلار بىلەن يەرلىك ئامانلىق خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئىككى ئامانلىق خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. توقۇنۇش جەريانىدا يارىلانغان ئىككى كىشىنىڭ ئامانلىق خادىملىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كاۋاپچىلار ئىكەنلىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېنىقلاندى .
ئىگىلىشىمىزچە گۇئاڭجۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا ياتقۇزۇلغان ئىككى ئۇيغۇر كاۋاپچى خىتاي ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەگە ، گۇئاڭجۇ بەييۈن رايونىدىكى خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئۇيغۇر كاۋاپچىلارنى قانۇنسىز تىجارەت قىلدىڭ، دىگەن باھانە بىلەن كاۋاپ سېتىۋاتقان يېرىدىن قوغلىغانلىقى سەۋەپچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاخباراتتىكى خاتالىق
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، گۇئاڭجۇنىڭ بەييۈن رايونى كۇئاڭچۈئەن ساقچى پونكىتىدىكى دائىرىلەر، "توقۇنۇش نەتىجىسىدە 3 نەپەر ئامانلىق خادىمىنىڭ يارىلاندى، يارىدارلارنىڭ ئىككىسى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلدى، يارىدارلارنىڭ ھەر ئىككلىسى شىنجاڭلىق ساقچىلار، دەپ مەلۇمات بەرگەن.
بىز پەيشەنبە كۈنى گۇئاڭجۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلغاندا، توقۇنۇش نەتىجىسىدە يارىلانغان ئىككى كىشىنىڭ ساقچىلار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كاۋاپچىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاندى. بىز دوختۇرخانا دائىرىلىرىدىن يارىدارلار بىلەن كۆرۈشىشنى تەلەپ قىلدۇق. دوختۇرخانا خادىمى يارىدارلارغا ھەمرا بولىۋاتقان كىشىنى ئىنتايىن قوپاللىق بىلەن تېلېفونغا چاقىردى. يارىدارلارغا ھەمرا بولىۋاتقان بىر كىشى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى
گۇۋاھچىلارنىڭ ۋەقە ھەققىدە ئېيتقانلىرى
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا كۇئاڭچۈئەن ساقچى پونكىتىدىكى دائىرىلەر، قانۇنسىز كاۋاپ ساتقانلىقى ئۈچۈن قوغلانغان كاۋاپچىلارنىڭ قوللىرىغا پىچاق ۋە تۆمۈر - توقماق كۆتەرگەن 70 تەك ئۇيغۇرنى باشلاپ كېلىپ، ئامانلىق خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇ مەلۇمات دوختۇرخانىدىكى يارىدارلارغا قاراۋاتقان يۇقىرىقى كىشى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
بىز ۋەقەنى تېخىمۇ تەپسىلى ئىگىلەش ئۈچۈن كۇئاڭ چۈئەن رايونىدىكى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى بۇ ھەقتە توختۇلۇشنى رەت قىلىپ " بىز بىر ساقچى پونكىتى، بىز مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايمىز، ئەگەر زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز شەھەرلىك ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. سىز مەيلى چەتئەل مۇخبىرى بولۇڭ مەيلى جوڭگولۇق مۇخبىر بولۇڭ بىز مەتبۇئات ساھەسىنىڭ زىيارىتىنى ئۆز ئالدىمىزغا قوبۇل قىلالمايمىز. "
فرانىسيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەزكۇر ساقچى پونكىتىدىكى دائىرىلەر، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، خىتايلار تەرىپىدىن تاياق يىگەن ئۇيغۇرلار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئامانلىق خادىملىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى
كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا مىللى ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللى سىياسىتىدىكى ئېغىر مەسىلىلەر سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سەيتوف مۇنداق دەيدۇ:
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۈن داۋېي، " خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت چەكلىمىسى قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن. ئۆزىنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا ئۇيغۇر ئىلىگە بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سۈن داۋېي، " شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپتۇ، ھىچقانداق بىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. مېنىڭچە مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەرنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق. ئاز سانقلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قوغداش توغرىسىدا مەركەزنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى بار" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى "ئامېرىكا ئاۋازى " رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇر تىلدا دەرس ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. (ئەركىن)