ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان
2005.07.28
رويېتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 22 - ئىيۇل كۈنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرى يۈ شىن بازىرى ئالغا كەنتى ئەتراپىدا تېز سۈرەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، كەنت ئاھالىسىغا تەۋە بولغان شەخسىلەرنىڭ يېرىنى تارتىۋىلىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا 30 نەچچە ئادەم ئېغىر يارىلانغان.
ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن لى : "22 - ئىيۇل كۈنى كەنتىڭلاردا ساقچىلار بىلەن ئامما ئارسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى راسمۇ؟ توقۇنۇشتا قانچە ئادەم يارىلاندى؟" دىگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ "ھەئە ، شۇنداق ۋەقە يۈز بەردى، 30 ئادەم يارىلاندى" دېدى.
بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت تېز سۈرئەتلىك تاش يول ياساش پىلانىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن ، مەزكۈر كەنت دېھقانلىرىدىن ھېچقانداق پىكىر ئالماي، يەر تۆلىمى تۆلەش مەسىللىرىنىمۇ ياخشى ھەل قىلماي ، ھەتتا دېھقانلارغا بېرىلىدىغان ئازغىنە قوشۇمچە پۇلنىمۇ ، ئاخىرقى ھىسابتا ناھايىتى ئاز تارقاتقان.
لى يەنە ، بىزنىڭ "دېھقانلار نىمە ئۈچۈن نارازىلىق كۆرسەتتى ؟ " دىگەن سۇئالىمىزغا "چۈنكى دېھقانلارغا ھۆكۈمەت ئارانلا 8000 نەچچە يۈز يۈئەندىن پۇل بەردى" دەپ جاۋاپ بەردى.
بىز ئۇنىڭدىن يەنە، ئۇنداقتا سىلەرچە سىلەرگە قانچىلىك پۇل بېرىلىشى كېرەك ئىدى، يەنى ئۆلچەم قانچىلىك بولسا توغرا بولغان بولاتتى؟ دەپ سورىدۇق .
ئۇ بىزگە " ئەسلى بىزگە 10 مىڭدىن 20 مىڭ يۈئەنگىچە پۇل بېرىمىز دېگەن ھەمدە بۇ پۇل دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان پۇل ئىدى، ئەمما بىزنىڭ قولىمىزغا ئازغىنا پۇل بېرىلدى" دېدى.
توڭلياۋ شەھىرى يۈ شىن بازىرىنىڭ باشلىقى جاڭنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ئۇلارنىڭ بازىرىدا ئۈچ كەنت بولۇپ، تېز سۈرەتلىك تاش يول ياساش قۇرۇلۇشىدا پەقەت بۇ كەنتىنىڭ يېرى ئىگىلىنىۋىلىنغان بولۇپ، بۇ كەنتتىكى دېھقانلار ئىككى ئايدىن بېرى، مەزكۈر يول قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق ياراتقان، ئەمما 22 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ساقچىلار ئۆزىنى تۇتىۋىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان.
بازار باشلىقى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " كەنت ئاھالىسى ، بېرىلگەن پۇلنى ئاز كۆرۈپ، قۇرۇلۇشقا توسقۇنلۇق قىلغاندىن سىرت، بىزنىڭ ساقچىلىرىمىزغا قارشىلىق كۆرسەتتى، ساقچىلىرىمىز ئامما بىلەن بىۋاستە توقۇنۇش پەيدا قىلمىدى، ئامما قوللىرىغا تاش ۋە كالتەكلەرنى ئېلىپ قالايمىقانچىلىق چىقاردى، ئەمما بىزنىڭ ساقچىلىرىمىز بولسا ئاممىغا تىل قايتۇرمىدى ياكى قول ياندۇرمىدى، ھازىر تاياق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ساقچىلار بار، 5 ساقچى ماشىنىسى ئۇرۇپ چېقىلدى، ھەتتا ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ قول - پۇتلىرى تاياقتىن زەخمىلەندى.
دېھقانلارغا قوشۇمچە پۇل تۆلەش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان جاڭ، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە دېھقانلارغا پۇل تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر بىر دېھقاننىڭ قولىغا 9 مىڭ 900 يۈئەن بېرىلگەنلىكىنى ، يەنە بىر قىسىم پۇلنىڭ كەنت ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز ئۇنىڭدىن كەنت ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن پۇل كەنت ئۈچۈن ئىشلىتىلەمدۇ؟ قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟ دەپ سورىساق ئۇ بىزگە : " بۇ پۇل، كەنت ۋەكىللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كوللىكتىپنىڭ نازارىتى ئاستىدا ، ئوچۇق - ئاشكارا ئىشلىتىلىدۇ" دېدى.
يۈشىن بازىرىنىڭ باشلىقى جاڭ ئاخىرىدا، ھازىر بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەنىلا قۇرۇلۇش مەيدانىدا يېتىۋىلىپ، يول ياساتمايۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت، كەنت ئاھالىسىنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نەق مەيداننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەچكە، بازار باشلىقى جاڭنىڭ گېپىنىڭ قانچىلىكىنىڭ راست ۋە ياكى يالغان ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىسى گۈلشەن خانىم ، بىزنىڭ زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋىلىشى نەتىجىسىدە بىر خىتاي دېھقان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان
- خىتاي دېھقانلار يەر - زېمىن داۋاسىدا ھۆكۈمەتنى يەڭدى
- ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى
- ئەنخۇيدە نەچچە مىڭ كىشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى
- خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى پونكىتى پۇقرالارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- خىتاينىڭ يەر- مۈلۈك قانۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدۇ