گۇيلىندە ھەربىيلەر ئادەم ئۇرۇپ، مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى


2005.11.15

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى گۇيلىن شەھىرىنىڭ ۋاياۋ رايونىدا ئون مىڭدەك كىشى توپىلاڭنى باستۇرۇش ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى.

ۋەقەنىڭ سەۋەبى

ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق بولغان: بىر نەچچە ھەربىي مەس بولغاندىن كېيىن، كىرا ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، بۇ ئايال شوپۇر ۋە ئۇلارنى توسقىلى كەلگەن كىشىلەرنى تەپكەن. بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەر غەزەپلىنىپ، ھەربىي ماشىنىغا تاش ئاتقان. ۋەقەنىڭ چوڭايغىنىنى كۆرگەن يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى دەرھال توپىلاڭنى باستۇرۇش قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان. بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەر يارىلانغان.

ۋاياۋدىكى بىر ئاھالە بۇ ھەقتە رادىئويىمىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىگە مۇنداق دەپ مەلۇمات بەردى: "توپىلاڭنى باستۇرۇش ماشىنىسىدىن ئۈچى كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا 10 مىڭدەك كىشى يىغىلغان ئىدى. ساقچىلار توك كالتەك بىلەن پۇقرالارنى ئۇردى. بەزىلەر يارىلاندى. ئاڭلىشىمچە، بىر نەچچە ھەربىي مەس بولغاندىن كېيىن، كىرا شوپۇرىنى ئۇرغان".

ۋاياۋ رايونىدىكى دوختۇرخانا بولسا، بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى يەرلىك ئاھالىلەر، ھەربىيلەرنىڭ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسىنىڭ، ئون مىڭدەك كىشىنىڭ قارشىلىق پائالىيىتىگە ئايلىنىشىدا سەۋەب بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ۋاياۋدا تۇرۇشلۇق بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك ئاھالىلەر ھەربىيلەرنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ئاللىقاچان بىزار بولغان.

"ئەسلىدە ئەتراپتىكى كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەمەس. ئەمما ئۇلار كىرا شوپۇرىنىڭ تاياق يىگىنىنى كۆرۈپ، ھەربىيلەرنىڭ ئادەتتىمۇ يولسىزلىقى، ئادەم بوزەك قىلىدىغىنىنى ئىسىگە ئېلىپ، بىرلىشىپ تاياق يىگۈچىگە ياردەملەشكەن ".

ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان

گۇيلىننىڭ ۋاياۋ رايونلۇق پىڭشەن ساقچىخانىسىدىكى بىر خادىم ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

رادىئويىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان نۇرغۇن يەرلىك پۇقرالار گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە ھەققىدە سۆزلەشنى خالىمىدى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشى بولسا بىر يەرلىك تور بېتىدىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىگىلەشنى تەۋسىيە قىلدى.

مۇخبىرىمىز بۇ كىشىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە يەرلىك تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرە مەيدانىنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە تور بېتىگە چاپلانغان مەزمۇنلار پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەن. پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى كۆز- قاراشلىرى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدا " ھەربىيلەرنىڭ ياۋۇز قىلمىشلىرى ئاز ئەمەس. ھەربىيلەر ماشىنىغا ئولتۇرسا، تاماق يېسە دائىم پۇل بەرمەيدۇ" دېيىلگەن. يەنە بەزى تورداشلار بولسا، يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ شۇنچە چوڭ ۋەقەنى تەپسىلىي خەۋەر قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

يەرلىكتىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلار ھېسابلانغان گۇيلىن كۈندىلىك گېزىتى ۋە كەچلىك گېزىتى بۇ ۋەقە ھەققىدە قىسقىغىنە خەۋەر بەرگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: "مەلۇم بىر ئەترەتنىڭ ئەسكىرى لېي يۈئەن بىلەن جاڭ فامىلىلىك ساقچى، ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققاندىن كېيىن، بىر كىرا ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بىلەن يول تالىشىپ توقۇنۇشۇپ قالغان. بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر داۋراڭ سېلىپ، بۇ قېتىمقى ئاممىۋى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان".

ھەربىي دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە ھەققانىي خەۋەر بېرىشنى توسىغان

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئاخبارات خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە ھەققانىي خەۋەر بېرىشنى توسىغان.

"ھەربىي دائىرىلەر بىزنى ۋەقەنى خەۋەر قىلغىلى قويمىدى. ئۇ قىسغىنە خەۋەرنى تېخى ھەربىي دائىرىلەر ئۆزى يازغان. بىزنىڭ يازغان خەۋىرىمىزگە ئۇلار رازى بولماي، ئۇنى دېسەڭلەر بولمايدۇ، بۇنى دېسەڭلەر بولمايدۇ دەپ توسىدى. ئەسلىدە بىز تەپسىلىي خەۋەر يازغانتۇق. بىراق ئۇلار ئۇ خەۋەرنى بەرگىلى قويمىدى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئول خادىملىرى ئۆزلىرى خەۋەرنى يېزىپ، ئېلان قىلدۇردى. يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئادەتتە ھەربىيلەرنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىش ھوقۇقى يوق. ئارمىيە دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ۋاستىسى بولغاچقا، ئۇلارنى يەرلىكنىڭ ھېچقايسى تارماقلىرى باشقۇرالمايدۇ. ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە بويسۇنىدۇ" .

ھەربىيلەرنىڭ يولسىزلىق ئەھۋاللىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كۆپ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى 80 - يىللاردا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ كۆكيار يېزىدىكى كۈدە مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، كۆكياردىكى ئەسكەرلەر يەرلىك تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ بېقىۋاتقان كالىسىنى ئوۋلاپ، بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بىر ئۇيغۇرنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇ قېتىمقى ۋەقە يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.