
خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنۋېي شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى دۇڭجوۋ كەنتىدىكى نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.
"نەدە ھۆكۈمەت بولىدۇ دەيسىز"
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى كەچكىچە بولغان مەزگىلدە ئۆلگەنلەر سانى تەخمىنەن 7-8 گە يەتكەن. ھەتتا بەزى ئائىلە-تاۋاباتلار ساقچىلاردىن قورقۇپ، ھەتتا يول ئۈستىدە قالغان جەسەتلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ تونۇۋېلىشقىمۇ پېتىنالمىغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر كەنتتىكى بىر ئايال بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
-ھازىر ساقچىلار داۋاملىق يول بويىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇنداق جىق ساقچى بار. ھازىرغىچە كەنتكە كىرمىدى. لېكىن كەچكىچە نېمە ئىش بولىدۇ، ئۇنى بىلمىدۇق. ھازىر تېشىغا چىقىشقىمۇ پېتىنالمايۋاتىمىز. چىقساقلا ساقچىلار بىزنى تۇتۇپ كېتىدۇ. -ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىگە قانداق قارايسىلەر؟ -نەدە ھۆكۈمەت بولىدۇ دەيسىز. ھۆكۈمەت بولسا، مۇشۇنداق ئادەم ئۇرۇش بولامدا ؟ بىر تاپانچىدىلا 7 دانە ئوق تۇرسا.
بۇ كەنتتىكى يەنە بىر دېھقاننىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كوچىدا ئۆلگەنلەر بىلەن دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلەردىن سىرت، ئۇ يېقىندا تاغدىن ئىككى جەسەتنى تېپىپ كەلگەن. ئۇ سۆزىدە " ئارىسىدىكى بىر جەسەت، مېنىڭ ئاغىنەمنىڭ ئاكىسى لى خۇجياۋ بولىدۇ" دېدى.
بۇ كەنتتىكى يەنە بىر كىشى، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەتتا بۇ قالايمىقانچىلىقتا ساقچىلار ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
"ئۇلارنىڭ ئوق چىقىرىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. ساقچىلار مېنىڭ قېينى ئىنىمغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق چىقاردى. ئۇ مېنىڭ قېشىمغىلا يىقىلىپ چۈشتى. مەن ئۇنى قۇچىقىمغا ئېلىپ قارىسام، ئۇ شۇ يەردىلا جان ئۈزۈپ بوپتىكەن. دوختۇرغا ئاپارساقمۇ ئۈنۈم بەرمىدى. چۈنكى بىر پاي ئوق يۈرىگىكىلا تېگىپتۇ".
دۇڭجوۋ دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ دوختۇرخانا ئىلگىرى ئوق يېگەن ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئۇلار قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، قازا قىلىپ كەتكەن.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۈچلۈك قامال قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، تېلېفونىمىز ئۇلانغان نۇرغۇن ئورۇنلار، بۇ ھەقتە بىر نېمە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سۇئالىمىزغا جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىدى. ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارمۇ بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
دۇڭجوۋ كەنتىدىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى، شۇ جايدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى بىلەن بولغان يەر-زېمىن داۋاسىدىن كېيىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشى، يېزا پۇقرالىرىنىڭ دائىرىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتكەن ئۈچ نەپەر ۋەكىلى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن پارتلىغان. پۇقرالار قولغا ئېلىنغان ۋەكىللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدا نامايىش قىلغان ئىكەن. نەتىجىدە 400-500 گە يېقىن ساقچى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغان. (پەرىدە)