گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
2005.12.13
گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ سەنۋېي شەھىرىدىكى دوڭجۇ كەنتىدە، كەنت پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي يەر - زىمىن ئىگەللىشىگە نارازى بولۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ھۆكۈمەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغان.
بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەپ ۋە نەتىجىسى ھەققىدە، ب ب س رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2002 - يىلى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ سەنۋېي شەھىرىدىكى قىزىل دېڭىز قولتۇقى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى پىلانلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ پىلان ئۈچۈن يەرلىك كەنت پۇقرالىرىنىڭ دۆڭ، كۆلچەك ۋە تېرىلغۇ ئېتىزلىرى مەجبۇرىي سېتىۋېلىنىشقا باشلىغان.
دېھقانلار مۇۋاپىق ھەق ئالالمىغان
بۇ جەرياندا دوڭجۇ كەنتىدە يەر-زىمىنسىز قالغان 40 مىڭ پۇقرانىڭ مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدالمىغان. ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ مۇۋاپىق بولمىغان. بۇ كەنتتىكى پۇقرالار 2004 - يىلىدىن كېيىن قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. ئەمما كەنت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى قانۇن بويىچە قوغداشقا ئىگە بولالمايلا قالماي، بەلكى ئۇلار تېگىشلىك ھەققىنىمۇ قولىغا ئالالمىغان. كەنت پۇقرالىرى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىدىن يانمىغانلىقتىن، بۇ يىل 12 ئاينىڭ 6 - كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.
"شىنخۇئا ئاگېنتلىقى" ۋە "جەنۇب گېزىتى" بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دوڭجۇ كەنتىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قانلىق توقۇنۇشنى "ئاز سانلىق كىشىلەر يۈزلىگەن كەنت ئاھالىسىنى قۇترىتىپ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى. جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىغا زوراۋانلىق ھۇجۇم قوزغىدى. 170 تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى قولىغا قىڭراق، نەيزە، توقماق، پارتلاتقۇچ دورا، كاپسۇل، بېنزىن بوتۇلكىسى دېگەندەك قوراللارنى ئېلىپ، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرگەندە، نۆۋەتچى ساقچى قىسىملىرى تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان بومبا ئېتىپ دوڭجۇ كەنتىدىكى قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلارنى تارقىتىۋەتتى" دەپ خەلقنى قارىلىغان.
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
"نيۇيورك تايمىس" گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى خوۋورد فرېنچ ئەپەندىنىڭ 10 - چىسلا نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنۋېي شەھىرىدىكى دوڭجۇ كەنتىدە، مەجبۇرىي يەر ئىگىلەشكە نارازى بولغان دۆلەت پۇقرالىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغان جايدا ھېلىمۇ "يەر - زىمىن باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرايلى" دەپ يېزىلغان چوڭ پلاكات ئېسىقلىق تۇرىدۇ. مەلۇم بىر كەنت پۇقراسى مۇخبىرغا "يەرلىك ھۆكۈمەت بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى بولۇۋاتىدۇ" دېگەن. يەنە بىر پۇقرا " كەنتىمىزدە باستۇرۇش ناھايىتى ۋەھىمىلىك بولدى. ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 20 دىن ئاشتى، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ئادەم سانى 40 تىن ئاشتى" دېگەن
ھىندىستان SIFY تور بېتىنىڭ يازغۇچىسى سىندى خانىمنىڭ 12 - چىسلا دوڭجۇ كەنتىدىن خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم بىر پۇقرا بۇ مۇخبىرغا " 6 - چىسلا كۈنى كەچ سائەت 6 دىن باشلاپ ئەتىگەن سائەت 2 گىچە ئوق ئاۋازى توختىمىدى. ساقچىلار ئادەم ئۇچرىسىلا ئوق چىقاردى. بىز سىرتقا چىقالمىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھازىرغا قەدەر كەچتە سىرتقا چىققىلى بولمايۋاتىدۇ" دېگەن.
قانۇن ۋە ئەمەلىيەت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى دىڭشاۋنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك خەلق مۇخبىرغا ساقچىلار ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ جەسىتىنى بىرتەرەپ قىلىشنى قولايسىز دەپ ئويلاپ دېڭىزغا تاشلىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. يەرلىك قانۇن تارماقلىرى مۇخبىرلارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى "خاتا نومۇر" دەپ قەستەن بانا كۆرسىتىپ رەت قىلغان.
"كۆزۈتۈش جۇرنىلى" دا 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئاساسىي قانۇن يوق زاماندا دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش ھەققىدە" دېگەن مۇلاھىزىدە ئاپتور "دوڭجۇ كەنت ۋەقەسى" توغرىسىدا قىلىنغان مۇنازىرىدە، شەنتو شەھىرىدىن بىر كوممۇنىست ئەمەلدار "يەر-زىمىن دۆلەتنىڭ، ئۇنى ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىدۇ، بۇ دېگەن قانۇن دەپ جار سالدى. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىق. 'جوڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى’نىڭ 6 - ماددىسىدا يېزا-كەنتلەردە يەر - زىمىن ھوقۇقى كوللېكتىپ ئىگىلىككە تەۋە'، دەپ بەلگىلەنگەن. 'كوللېكتىپ' بىلەن 'دۆلەت' دېگەننىڭ پەرقى بار. كوممۇنىست بۇلاڭچىلىرىدا 'قانۇن بۇيىچە ئىش قىلىش' دېگەن ئۇقۇم يوق" دېگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يەر - زىمىنىنىلا ئەمەس، ھەتتا زاراتكارلىقىنىمۇ سېتىۋەتكەن. 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىدە كورلىدىن تېلېفون قىلغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، كورلىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ سىدىق ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلىقىنى بىر ياغاچچىلىق مەيدانىغا سېتىۋەتكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي زىيالىيلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
- خىتايدا ئون مىڭ كىشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
- خىتايدا نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ساقچىلار ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى
- گۇيلىندە ھەربىيلەر ئادەم ئۇرۇپ، مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى