خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

0:00 / 0:00

1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى، شىنجاڭ جامائەت خەۋەپسىزلىك نازارىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى پامىر تېغى رايونىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى " نىڭ كۈچلىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، 18 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى، 17 ئادەمنى قولغا ئېلىپ، 22 دانە قول بومبىسى، 1500 دانىدىن ئارتۇق قۇراشتۇرۇلمىغان قول بومبىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە باياناتچى بايەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2002 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ تايانچ كۈچلىرى چەتئەل چېگرىسىدىن كىرىپ، بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى يىغىپ، پامىر تېغى رايونىدا تېررورچىلىقنى يېتىشتۇرىدىغان مەشىق بازىسى قۇرغان. 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مەزكۈر تەشكىلاتقا ھۇجۇم قوزغىغان، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ تايانچ كۈچلىرى دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى خىتاي ئەسكەرلىرىگە قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، خىتاي ئەسكىرىدىن بىرىنى ئېتىپ تاشلىغان، يەنە بىرىنى يارىلاندۇرغان.

بۇ ئارىدا شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي ھاكىميىتىگە قارشى قوراللىق تىركىشىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 50 كىشىدىن تەركىپ تاپقان مەخپىي بىر ئەترەت قۇرۇپ، يېزىنىڭ چېتىدىكى مەلۇم بىر جايدا يوشۇرۇن ھالدا ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەركىزى قۇرۇپ، قوراللىق مەشىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بارىن يېزىسىدا 2 ‏- قېتىملىق خەلق قوزغىلىڭى قوزغاشنى پىلان قىلغانلىقىنى، 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم جەڭچىلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە بىر قىسىملىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئەلگە تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتى.