خىتاي ساقچى دائىرىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يەر ئالدى

0:00 / 0:00

1-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋەقەسى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يەر ئالدى. تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان مىللىيەت گېزىتىدە "ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەسكىرى ھەرىكەتتە 18 كىشى ئۆلدى"، تەرجىمان گېزىتىدە بولسا "خىتايدا ئۇيغۇرلار قىرىلدى" تېمىسىدا ئېلان قىلىندى. مىللىيەت گېزىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: "خىتاي ساقچىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررور بازىسى تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 18 كىشى ئۆلتۈرۈلدى، 17 كىشى قولغا ئېلىندى. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تېرىچىلەرنى يېتىشتۇرۇدىغان بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى".

تەرجىمان گېزىتىنىڭ باش سەھىپىسىدە بىر مىلتىق رەسىمى بىلەن بېرىلگەن خەۋەرگە "خىتايدا ئۇيغۇرلار قىرىلدى"، دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەشق بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە خىتاي ساقچىلىرى 18 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ 17 سىنى قولغا ئالغان، دەپ يېزىلغان. خەۋەردە يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى سۇنفۇڭلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بازىسىغا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە بىر خىتاي ساقچىنىڭ ئۆلۈپ، بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن گۇمانلىق كىشىلەرنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى دېدى، دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز بۇ توقۇنۇش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تېررور مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تېررور مۇتەخەسسىسى نۇرۇللاھ ئايدىن ئەپەندى بۇ ۋەقەنى ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆز ھالىدا ياشاۋاتقان خەلقنى يۇتۇۋېلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى. ئەسلىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ خىل سىياسىتىگە قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تىرىشىش لازىم. چۈنكى، بۇلارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراش لازىم. چۈنكى، دىنى ئېتىقاد خەلقنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىنى توسۇپ قالىدىغان بىر ۋاستە. شۇڭا خىتايلار خەلقنىڭ دىنى ئىتىقادىنى، دىنىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى مەنچە مۇشۇنداق تەھلىل قىلىش لازىم".

تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"دۇنيا مەتبۇئاتىغا ئېچىلمىغان، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا يېپىق بىر رايوندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئەسكىرى ھەرىكەتكە خالىغان بىر ئىسىمنى قويغىلى بولىدۇ. بۇ رايوندىن توغرا مەلۇماتلارنىڭ دۇنياغا ئۇلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. تېلېۋىزىيەلەردە كۆرسىتىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىنساننىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان كۆرۈنۈشلەدۇر. بۇ كۆرۈنۈشلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايلار ئىلگىرى سۈرگەندەك تېررورىست بولسا بۇلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئەسكىرى ھەرىكەتلەر ۋە ئەسكىرى ھەرىكەت جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال ياراقلار، دۇنيا مەتبۇئاتىغا كۆرسىتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇنداق بولمىغان تەقدىردە خىتاي نىمە دېسە دېسۇن، خىتاينىڭ بۇ گېپىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئەگەر سىز جىم ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن بولسىڭىز بۇ پىلانلىق بىر شەكىلدە بىر مىللەتنى يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر".

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.