پاكىستاندا ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە

0:00 / 0:00

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسى يېقىنىغا جايلاشقان جەنۇبىي ۋەزىرىستاننىڭ ئەزەم ۋارساك ناھىيىسىدە پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىر يەرلىك قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن باشلانغان. مەزكۇر قەبىلە باشلىقىنىڭ رايوندىكى ئۆزبېك مىلىتانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن گۇمانلانغان يەرلىك قەبىلە رەھبەرلىرى 19‏- مارت كۈنى ئۆزبېك مىلىتانلارنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم باشلىغان.

تىرىشچانلىقلار توقۇنۇشلارنى توختىتالمىدى

ئۆزبېك مىلىتانلارنىڭ قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەن ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بولۇپ، رايوندىكى مۇھىم قەبىلىلەرنىڭ بېرى ھېسابلانغان يارگۇلخېل قەبىلىسىنىڭ، دارىخېل ۋە تاجىخېل قەبىلىلىرىگە قارشى ئۆزبېك مىلىتانتلارنىڭ سېپىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىشى بىلەن توقۇنۇشلارنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيگەن. بۇ جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانلارنىڭ يارگۇلخېل قەبىلىسىنىڭ قوللىشى بىلەن دارىخېل ۋە تاجىخېل قەبىلىلىرى بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق توقۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 6‏- مارت كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 19 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن رايوندىكى ئۆزبېك مىلىتانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن پاكىستان جەمئىيىتى ئۇلاماي ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، مەۋلانا فەزۇل راخمان، جالالىدىن ھەققانىنىڭ ئوغلى، سراجىدىن ھەققانى، تالىبانلارنىڭ ئاتاقلىق قوماندانلىرىنىڭ بىرى بولغان موللا دادۇللا قاتارلىق كىشىلەر جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما توقۇنۇشلارنى توختىتالمىغان.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتاپخان شېرپاۋ جۈمە كۈنى يەنى 3‏- ئاينىڭ 30‏- كۈنى جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى ئۆزبېك مىلىتانلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 45 ئۆزبېك مىلتانى ۋە 7 قەبىلە جەڭچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۈمە كۈنى، ئۆزبېك مىلىتانلار يەرلىك قەبىلە رەھبەرلىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىش توغرىسىدىكى ئولتىماتومىنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، توقۇنۇشلار كۈچەيگەن. پاكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك قەبىلە جەڭچىلىرى ئۆزبېك مىلىتانلارنىڭ بازىلىرىغا راكىتالار بىلەن ھۇجۇم قىلغان. لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتى مۇخبىرلارنىڭ رايونغا بېرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن توقۇنۇشلارنىڭ قانداق داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە توقۇنۇشلاردا قايسى تەرەپتىن قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تېخى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانمىغان.

ئۆزبېكلەر بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش

سىياسىي ئانالىزىچى ب راماننىڭ "ئىنتىللى برىفس" ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايوندا ئۆزبېك مىلىتانلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار، رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېك، پاكىستان ئارمىيىسىنى خوشال قىلغان. چۈنكى پاكىستان ئارمىيىسى، رايوندىكى ئۆزبېك، چىچەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا قالغان ئىدى. پاكىستان ئارمىيىسى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزبېك مىلىتانلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەدبىر ئالمىغان ۋە توقۇنۇشلارغا ئارىلاشمىغان.

پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان ئۆزبېكلەرنىڭ بىر قىسىمى ئافغانىستان ئۆزبېكلىرى يەنە بىر قىسىمى ئۆزبېكىستان ئۆزبەكلىرى ئىكەن. رايوندىكى ئافغانىستان ئۆزبەكلىرى، ئۆزبېك گېنېرال ئابدۇرىشىت دوستۇمنىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ، 1991‏- يىلى دوستۇم پرېزىدېنت نەجىبۇللادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇجاھىدلار سېپىگە قېتىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئافغانىستاننىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدىكى بازىلىرىدىن قېچىپ، پاكىستاندا پاناھلانغان. ئۆزبېكسىتاندىن كەلگەن ئۆزبېكلەر بولسا، ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ جەڭچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىن قېچىپ پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان. دەسلەپتە جۈمە نەمەنگانىنىڭ رەھبەرلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى جەڭچىلىرى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تاھىر يولداشنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2001‏- يىلى ئىسىمىنى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى دەپ ئۆزگەرتكەن، ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ سىپىدە ئۇيغۇرلارمۇ بارئىكەن. پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا قانچىلىك ئۆزبېك مىلىتانىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېك مىلىتانلارنىڭ سانى 2000 كىشىگە يېتىدىكەن.

پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا ئۆزبېك مىلىتانلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ، رايوندىكى چەتئەللىك مىلىتانلارنى يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن يوقىتىش پىلانىنىڭ غەلبىسى دەپ قارىماقتا.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، چەتئەلللىك مىلىتانلارنى تازىلاش ئۈچۈن رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتقان ئىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن يەرلىك قەبىلىلەر، چەتئەللىك مىلىتانلارنىڭ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىلىلەر بىلەن ئىمزالىغان بۇ كېلىشىمى غەرب دۆلەتلىرى ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇ كېلىشىمنىڭ، تالىبانلارغا پاكىستان، ئافغانىستان چېگرا رايونىدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىئىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. (قانات)