ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
2007.09.24

شىنجاڭ ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ھەققىدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تور مەيدانلىرى ئوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، ئەمما مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ بۇنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ھەمدە مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە ئۇچۇر قاناللىرىنى قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ئارىدا خوڭكوڭدىكى جۇڭگۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى، پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىسى بىلەن خىتاي قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يەۋېتىپ جېدەللىشىپ، ئارقىدىن ئوغۇل دوستلىرىنىڭ جىدەلگە ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ۋەقەنىڭ كۆلىمى چوڭىيىپ، 500 دەك كىشىنىڭ بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى ۋە 10 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردە يەنە ئىككى قىز ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قىزلارنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
دۈشەنبە كۈنى بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر مەكتەپ قاراشلىق ساقچى پونكىتى يەنى جەنچۈەن ساقچىخانىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق.
ساقچى بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش - ئۈچۈن تېلېفۇن ئۇرغانلىغىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن ناھايىتى قوپاللىق بىلەن " سەن مېنى تېرىكتۈرمە ، مەن ھېچنەرسە بىلمەيمەن" دېدى.
بىراق ئىستانسىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ تىلى بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جەنچۈەن ساقچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى ساقچى ھەقىقەتەن ئىككى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋەقەنىڭ شۇ كۈنىلا بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن يارىلانغان، ئۆلگەن ھەمدە قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
بىز نۇرغۇن قېتىم مەكتەپ ياتاقخانىسى بىلەن مەكتەپ ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىگە تېلېفۇن ئۇرغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.
بىز يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە تېلېفۇن ئۇردۇق. بۇ ئىدارىدىكى نۆۋەتچى خادىمدىنمۇ ئوخشاشلا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
مەزكۈر مەكتەپنىڭ يېنىدىكى تيەنلوڭ مېھمانخانىسىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم، نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نازارەت ۋە قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.
خىتاي دائىرىلىرى مۇقىملىقنى دەپ ئەركىنلىكنى بوغماقتا
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، بىر خىتاي مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەرزىيەت باشقارمىسى ئەرزدارلارنى قوبۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا ئىنتايىن كۆپ ئادەمنىڭ يىغىلغانلىقىنى، بۇ ئادەملەرنىڭ شىنجاڭ ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلرىنىڭ ئاتا - ئانىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەمما مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن بولۇپمۇ ، دۆلەت بايرىمىنىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز مۇخبىردىن بۇ يەردە سۆز ئەركىنلىكى يوقمۇ، مەن بۇ ۋەقەدە يارىلانغان ۋە ئۆلگەن ئادەم ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەندۇق، ئەپسۇس ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق، بۇنىڭ سەۋەبى سىز ئېيتقاندەك مۇقىملىق ئۈچۈنمۇ دەپ سورىدۇق، ئۇ بىزگە جاۋاب بېرەلمەي" توقۇنۇش ھەممە يەردە بولىدۇ" دەپ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.
دۈشەنبە كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا چىقىدىغان " فېيكۇ مۇنازىرە " تورىدا، ۋەقە يۈز بەرگەن كېچىسى 11 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى، بىراق بۇنىڭ راست - يالغانلىقىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا دائىم دېگۈدەك ھەر خىل توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، بولۇپمۇ ئاشخانىدا يۈز بېرىدىغان ماجىرالار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىككى مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى تامامەن ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر جايدا تاماقلىنىشىمۇ ئېغىر زىددىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 'شىنجاڭ' ساقچى-ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە
- ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ يازلىق تەتىل كۇرسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
- چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە
- پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ ؟
- قازاق مەكتەپلىرى تاقالماقتا
- خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتىپىنى تەبرىكلىدى
- ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپ ۋە مەكتەپ تاللاشتا كۆپ تەرەپلىمە چەكلىمىگە ئۇچرىشى ھەققىدە قاراشلار
- مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە ئىلىم - مەرىپەت
- ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ ئېغىر بېسىم ھەم ناھەق رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە
- ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى