چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي يېزىقىدا تور بەت ئاچتى

0:00 / 0:00

مەركىزى پارىجدىكى خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 3 ‏- ماي كۈنى يەنى دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى ، خىتاي يېزىقىدا تور بەت ئاچتى. لېكىن مەزكۇر تور بەت ئېچىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى توسۇپ، خەلقنى مەزكۇر تور بەتنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلدى.

خىتاي، ئەركىنلىك ئىدىيىسى تەرغىپ قىلىدىغان تور بەتلىرىنى چەكلەپ كەلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باشقا تىللاردىكى تور بەتلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي توسۇپ ، خەلقنىڭ ئەركىن ئۇچۇر ئىگىلىشىگە يول قويماي كەلگەن.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان مەركىزى پارىجدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 5 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى يەنى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى خىتاي يېزىقىدا ئاچقان تور بېتى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولالمىغان. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئۆز خەلقىنىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باشقا تىللاردىكى تور بەتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلماي كەلگەن.

كۆپ تىللىق تور بەت

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇندىن ئىلگىرى فرانسۇزچە، ئىنگىلىزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە ۋە فارىسچە يېزىقلاردا تور بەت ئاچقان بولۇپ، ھازىر خىتاي يېزىقىدا ئېچىلغان تور بەتنى قوشقاندا، جەمى 6 خىل يېزىقتىكى تور بېتىگە ئىگە بولغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان خىتاي تىل ‏- يېزىقىدىكى تور بەتنى خىتايدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار ھېچقانداق توسالغۇسىز كۆرەلەيدىكەن. مەزكۇر تور بەت پەقەت خىتايدىلا ، ھۆكۈمەتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى باشلىقى ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، " مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىمىزنىڭ خىتاي يېزىقىدىكى تور بېتىمىزنى چەكلىگەنلىكىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن،" دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۇلاپلا، "خىتاي خەلقى تېخى بۇ تور بەتنى كۆرمەي تۇرۇپلا، ھۆكۈمەت ئۇنى پىچەتلىۋەتتى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز خەلقىنى ئۇچۇر ئىگىلەشتىن بۇ قەدەر چەكلەشتىن دەرھال توختاشقا چاقىرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقنىڭ ئەركىن ھالدا بارلىق خىتاي يېزىقىدىكى ئىنتېرنېت توربەتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوققۇچىلار

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بولۇپمۇ خىتايدىكى مۇخبىرلارنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ توربەتلىرىدە، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوققۇچىلار دەپ كۆرسىتىلگەن.

پارىجدا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتىك فرونتىنىڭ مەسئۇلى چەي زۇڭگو ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان خىتاي يېزىقىدىكى توربەتنى تاقىۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى : " خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىدىن ئەزەلدىن نارازى بولۇپ كەلگەن. مەسىلەن، بۇ يىل بىرىنچى ئايدا، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئالاھىدە خىتاينى زىيارەت قىلىپ،خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويۇشقا ئۈندەشنى مەقسەت قىلغان. ئۇچاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ۋەدىلەرنى قىلغان. لېكىن ئۇ ۋەدىلەر پەقەت بىر بۆلۈم قاماقتىكى تورداشلارنى قويۇپ بېرىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شۇ ۋەدىسىنىمۇ ئورۇندىمىغان."

چەي زۇڭگو ئەپەندى يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، "دېمەك چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى جىددىي بىر ھالەتتە بولماقتا. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىنگىلىزچە ۋا فرانسۇزچە تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ قېتىم ئاچقان خىتاي يېزىقىدىكى تور بەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇخبىرلارنى قولغا ئېلىش، تور بەتلەرنى خالىغانچە تاقىۋېتىش، گېزىت -جۇرناللارنى نەشردىن توختىتىپ قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن نۇرغۇن ماقالىلەر بار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق مەزمۇنلارنى كۆرسە، ئەلۋەتتە چىداپ تۇرالمايدۇ . لېكىن ئۇلار ھازىرچە مەزكۇر تور بەتنى توسۇۋاتقانلىقى بىلەن، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە تاقابىل تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئۇزۇنغا قالماي، ئۆز ئابرويىنى دەپ بولسىمۇ ، بەدەل تۆلىشى مۇمكىن،" دېيدۇ.

خىتاي، خەلقنىڭ كۆپ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چەي زۇڭگو ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى بارغانسېرى قاتتىق كونترول قىلىشىدىكى سەۋەب، خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن - دەپ تەكىتلەپ " بۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ باشقا جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ بەك جىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئاخىرىدا بىردەك قوزغۇلۇپ كېتىشىدىن بەكمۇ قورقىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونىدىكى ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ . شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى جايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا. چۇنكى ئۇلار تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوزغۇلۇپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2006 ‏- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك تىزىملىكىدە، خىتاي دۇنيا بۇيىچە، ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەت دەپ كۆرسىتىلگەن. (مېھرىبان)