ئىلشات ھەسەن: «توردىن چۈشۈپ قالغانلارنى تازىلاش، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش»
2011.10.20
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دۆلەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى تەشكىللىگەن، «توردىن چۈشۈپ قالغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى تازىلاش» دەپ ئاتالغان باستۇرۇش، قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇر رايونىدا 910 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئېلان قىلغان «توردىن چۈشۈپ قالغانلارنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى» نىڭ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا 26-مايدىن باشلاپ «توردىن چۈشۈپ قالغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى تازىلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم تىبەت ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەم خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئاساسلىق تازىلاش رايونى قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ يىل 7-ئايدا خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىخانىسى ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە «يىلپىز ئالاھىدە ئەترىتى» نامىدىكى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، رايوندىكى باستۇرۇش ھەم تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل 18-ئىيۇل كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە 30، 31-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ھەم پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىپ رايوندا «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ھەم تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندىكىدەك «رايوندا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش» ئەمەس، ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغان ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.