تورونتودا ھۈسەيىن جېلىلنى تەلەپ قىلىش، ۋانكوۋېردا ئولىمپىككە نارازىلىق بىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىمۇ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى يەنىلا تۇرمىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جۈمە كۈنى كەچتە، كانادانىڭ تورونتو شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار، بۇ شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-08-11
Share
Toronto-namayish-080808-305 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻜﻪ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Kamil Tursun

 نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە كانادادىكى "ئىجتىمائىي ئادالەت" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.

ۋانكوۋېردىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا.ھەر ساھەدىن بولغان نەچچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشقان شەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا ئۇيغۇر ۋەكىلىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم جۈمە كۈنى كەچتە، تورونتودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن،كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى،خىتايدا قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

رۇقىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشنى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى نامايىشچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ۋانكوۋېردا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى شەنبە كۈنى 3 - كۈنىگە قەدەم قويدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئۆمەرجان ئەپەندى، ۋانكوۋېردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇردى. شەنبە كۈنىدىكى چوڭ نامايىشتا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۆمەرجان ئەپەندى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىشنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئولىمپىك باھانىسىدا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت