تورونتودا 20 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 26 - ئىيۇن كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە باشلاندى. يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ئۇچرىشىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 26 - ئىيۇن كۈنى نامايىش قىلدى. نامايىشقا تورونتو ۋە تورونتو ئەتراپىدا ياشاۋاتقان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2010-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 26 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺗﻮﺭﻭﻧﺘﻮﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 26 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺗﻮﺭﻭﻧﺘﻮﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Gulshen

شۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقىنىغا قارىماي، نامايىش ئەتىگەن سائەت 10 دىن كەچ سائەت 4 كە قەدەر داۋاملاشتى. كانادا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 2 مىليارد دوللار خەجلىگەن بولۇپ، يىغىن ئېچىلىۋاتقان شەھەر مەركىزىگە كىرىش قاتتىق چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن نامايىشچىلار نامايىشنى كۇيىنىس باغچىسىدا ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
 
نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار، تامىللار، ۋېيتناملىقلار شۇنىڭدەك كانادادىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەتلەردىن مەخسۇس نامايىش قىلىش ئۈچۈن تورونتوغا توپلانغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. شۇ كۈنكى نامايىشقا قاتناشقان شاكىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى توغرا ھەل قىلالمىغان خۇ جىنتاۋدەك دىكتاتۇرنىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

كانادادا 1 مىليون 300 مىڭ خىتاي نوپۇسى بولغاندىن باشقا، 42 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. خىتايلار بۇندىن 100 يىل ئاۋۋال كاناداغا تۆمۈر يول ياساش ئۈچۈن كېلىپ يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا يەرلەشكىنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەمدىلا 10 يىل بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىن ئاز، كاناداغا يەرلىشىش تارىخىنىڭ قىسقا بولۇشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە قىلىشىغا ئۇچرىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى،تىل مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ ‏ - ئادەت جەھەتتە خىتايدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئىزچىل ھالدا كانادا خەلقىگە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان، كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.

شۇ كۈنكى نامايىشقا، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان ھەر قانداق نامايىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىپ كېلىۋاتقان، ھازىر تورونتودا ياشاۋاتقان 60 ياشلىق تۇرانخان ھەدىمۇ قاتنىشىپ جەڭگىۋار شوئارلىرى بىلەن كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئۇ نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز نارازىلىقلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت