خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
2005.06.16
ئامېرىدىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 15 - ئىيۇن كۈنى خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەيدىز مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى توسۇپ، ئۇلارغا زور زىيان سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 57 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل بولمىغۇر قىلمىشلارنى دەرھال توختىتىپ، ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىمەسلىككە چاقىردى.
ئەيدىز مەسىلىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلەش ھەم پائالىيەتچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش
ھۆكۈمەت ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ، 'ئۇنداق چارە - تەدبىر قوللاندۇق، بۇنداق تەشۋىقات قىلدۇق' دېگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلغان پەيتتە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۆلەت كابېنتىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئېچىپ، خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەيدىز مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەيدىز مەسىلىسىنى "ھۆكۈمەت ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە" دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى قاتتىق چەكلەش ئارقىلىق، ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سارا دېيۋىس خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە بىۋاستە تەجرىبىسى بارلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بىۋاستە كونتروللۇقىدىن چەتنەپ پائالىيەت قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە ئائىت ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن توسۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئېغىز زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بىر پائالىيەتچىنىڭ سەرگۈزەشتىسى
ئەيدىز مەسىلىسىنى پەقەت سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگەندىلا، ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خېنەن ئۆلكىسى ساڭ چيۇ ناھىيىسى، سۇئاڭ مىئاۋ كەنتىدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى جۇ لۇڭۋېي ئۆزىنىڭ ئەيدىز پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، داۋاملىق يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تۈرلۈك باھانىلار ئارقىلىق، ئۆزىنى قاماپ قويۇپ، ئۇرۇپ زەھمىلەندۇرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئەيدىز پائالىيەتچىسى جۇ لۇڭۋېينىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 3000 نوپۇسلۇق بۇ نامرات كەنتتىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى نامراتلىقتىن قان سېتىپ، ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزىگە يۇقتىرىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ ئايالىمۇ شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. جۇ لۇڭۋېي باشقا ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بەختسىز بولۇپ قىلىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىگىدىن ئىزدىنىپ، ئەيدىز ھەققىدە تەشۋىقات ۋە تەربىيىۋى خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى گەرچە كەنتتىكىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈرلۈك باھانا - سەۋەبلەر بىلەن، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق كونترول قىلغان.
ئۇلار ھەتتا، ئۇنىڭ تاشقى مەتبۇئاتلار بىلەن ئالاقىلىشىشىنى توسۇپ، مەزكۈر كەنتتىكى بەزىبىر نامرات دىھقانلارغا 50 كوي ياكى 100 كويدىن پۇل بېرىپ قويۇپ، ئۇلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى نازارەت قىلىشقا، ھەتتا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا بۇيرۇغان.
ئەيدىز پائالىيەتچىسى جۇ لۇڭۋېي سۆزىدە يەنە، " ھۆكۈمەت ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ، 'ئۇنداق چارە - تەدبىر قوللاندۇق، بۇنداق تەشۋىقات قىلدۇق' دېگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق. مەسىلەن ئۇلار مەتبۇئات خادىملىرىنىڭ مەزكۇر يېزىغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىگىمۇ يول قويمايدۇ، چېگرىسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى نۇرغۇن قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ داۋالاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ تەلىپى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېچقاچان قوبۇل قىلىنمىغان" دەپ بىلدۈردى.
"ئەيدىز مەسىلىسىنى پەقەت سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگەندىلا، ئاندىن ھەل بولىدۇ"
بېيجىڭلىق داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىگە ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۆلۈپ - تېرىلىشى بىلەن ھېچقاچان كارى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خېنەندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا "ئەيدىز مەسىلىسىنى پەقەت سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگەندىلا، ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ" دېگەنلىكىنى مىسال قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلاردىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان، مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنى بولسۇن ياكى دۆلەت سىرتىدىكى پائالىيەتچىلىرىنى بولسۇن، قاتتىق كۆزىتىپ كەلمەكتە.
مەسىلەن، بېيجىڭدا " پەننى سۆيۈش تەشكىلاتى " نى قۇرغان داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەن خەي 2002 - يىلى " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتىگە چېتىلغان" دېگەن باھانە بىلەن، 10 كۈن قاماقتا ياتقان. 78 ياشلىق پېنسىيىگە چىققان دوختۇر گاۋ ياۋجىئې خېنەندىكى قان سېتىش بىلەن تارقالغان ئەيدىز ئاپىتىنى ئاشكارىلاش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپاتلاش تەغدىرنامىسى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا، خىتايغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 30 مىليون دوللار ياردەم قىلماقچى
- ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى - ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى تەشۋىقات بىلەنلا چەكلەنمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەيدانغا چىقماقتا
- خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەيدىز ۋاكسىنى ئۇرۇش سىنىقىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟
دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى تەرمىلىرى
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە توختالدى(1)
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە توختالدى(2)
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە سۆھبەت
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت (2)
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت (2)