خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەر بىر ئاز پەسىيىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆتكەن ئايدا خىتايدىكى بىر قانچە تور بەتلەردە، ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە كىشىلەرنى ياپونىيىگە قارشى يەنە بىر نۆۋەت نامايىش ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەيدىغان چاقىرىقلار ئېلان قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا، خىتايدىكى جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلەر بىرلەشمىسى تور بېتى" ۋە "خىتاي خەلق ئارىسىدىكى سېنكاكونى قوغداش ئۇيۇشمىسى" دەپ ئاتالغان بىر قانچە تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەن.
خىتاي قوللىنىپ كېلىۋاتقان كونا ئۇسسۇل
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ "جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلەر بىرلەشمىسى تور بېتى" غا مەسئۇل بىر نەپەر خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئۇلارغا بۇ توربەتلەرنى تاقىۋېتىشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرمىگەن، ھەتتا بۇنىڭ تاقىلىشىنىڭ ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ھېچنېمە دېمىگەن. ئامېرىكا ئوكلاخوما مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى غەربىي تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى شياۋبىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىگە قارشى مەزمۇندىكى تور بەتلەرنى توسۇش ئۇسۇلىنىڭ خىتاي قوللىنىپ كېلىۋاتقان كونا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"بۇ خىتاينىڭ بۇرۇندىنلا قوللىنىپ كېلىۋاتقان كونا ئۇسۇلى. ئۇ بولسىمۇ، يۇقىرى بېسىم بىلەن ئاددىي شەكىلدە يۇقىرىدىن تارتىپ تۆۋەن قاتلامغىچە پۈتۈنلەي كونترول قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ".
خىتاي – ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ئاسان ھەل بولالماسلىقى مۇمكىن
لى شياۋبىن سۆزىدە يەنە، ياپونىيىنىڭمۇ غەزىۋىنى قوزغىمايدىغان، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇش جىنايىتىنى تونىتالايدىغان بىر تىنچ ئۇسۇلنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە 30 يىلدىن بېرى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىزدەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە قازىنالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشنىڭ يەنە ئۇزۇن مەزگىلنى بېشىدىن كەچۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"خېلىدىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ چىرايلىقچە بىر بالداق تۆۋەنگە چۈشىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ داۋاملىق نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. ياپونىيە ھازىرغىچە ئاسىيانى سوراشنى خالايدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ئۇنداق ئاسان ھەل بولالماسلىقى مۇمكىن".
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، دۆلىتىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش دولقۇنىنىڭ يەنە بىر قېتىم قوزغىلىشىنى خالىمىغانلىقى شۇنداقلا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى كونترول قىلالماي قېلىشتىنمۇ ئەندىشە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ تور بەتلەرنى تاقىۋەتكەنلىكىنى يازغان.
تۈركىيىدىكى ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى دەسلەپ ئۆزى قوزغاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، خىتايدىكى بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېقىمىنىڭ كەلگۈسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قارشى كۈچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ماجرانى قىسقا مەزگىل ئىچىدە ھەل بولىدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)