ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن


2005.12.22
oil-bugur-nefit.jpg
2003-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى بىر نېفىتلىكتە تارتىلغان رەسىم. گەرچە ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئاساسلىق نېفىت بازىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ خەلقنىڭ كىرىمى يەنىلا خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 22 - دېكابىر كۈنى خەۋەر تورىدا ئېلان قىلغان بىر ستاتىستىكىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىساد تەكشۈرۈش دائىرىلىرى 11 -ئايدا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىرىدىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى يەنى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىم پەرقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە شاڭخەي شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 1641 سوم بولۇپ ئەڭ يۇقىرى چىققان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بولسا بۇنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمىگەن بولۇپ، 740 سوم ئىكەن شۇنداقلا بۇ ستاتىستىكىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ ئارقىدا قالغانلىقى مەلۇم بولغان.

يەنى بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ئوتتۇرىچە ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ ھەتتا خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆلچىمىگىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئېلى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندىن باشقا، خىتاينىڭ باي‏- كەمبەغەللىك ئۆلچىمى بويىچىمۇ يىلىغا 30 مىڭ سوم كىرىم قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىگىمۇ يەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنىۋاتقان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن سانلىق پەرقلەر ناھايىتى روشەن بولماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى شەھەر ھەم ناھىيىلەردىكى ئاممىدىن ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.