ئۇيغۇرلارنىڭ توي رەسمىيەتلىرىگە نەزەر


2007.08.30

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىگە خاس بولغان مول توي رەسمىيەت-قائىدىلىرىگە ئىگە. نىكاھ ۋە توي ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ھەر -ئاياللار ئارىسىدىكى چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت ئۇلارنى ئۆزارا توي قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشقا ئاساس بولغان مۇھىم ئامىلدۇر. توي ھەممە مىللەتكە ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ،ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن توي ئادەتلىرىدىمۇ تۈرلۈك پەرقلەر مەۋجۇت.

ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر خەلق بولۇش بىلەن ئۇلار ئىسلامىي نىكاھنى ئۇلۇغلايدۇ. بىراق، يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادەتلىرىدىمۇ بەزى نامۇۋاپىق قىلمىشلار يەنى ھەددىدىن زىيادە سېلىق سېلىش، ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

بۇ ھەقتە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز توختىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر

زامان ئىلگىرىلىگەنسېرى بەزى چوڭ شەھەرلەردە توي سېلىقلىرى ھەددىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئىنسانلار يارىتىلىشىدىنلا ئەر خوتۇن بولۇپ، بىر بىرى بىلەن مۇھەببەت ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئايال كىشى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ياشىغاندا، ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئۇ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان، تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان بىرەر ئەر كىشىگە موھتاجدۇر.

ئەر كىشىمۇ ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. ئەخلاق تەرەپتىنمۇ ئۆز نومۇسىنى ساقلاپ، ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ياراملىق نەسىللەر ئەر بىلەن ئايالنىڭ نىكاھتا بىرلىشىشى ئارقىلىقلا مەيدانغا چىقالايدۇ. پەرزەنت كۆرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نام نىشانىسىنى داۋام قىلدۇرۇش ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن چوڭ ئارماندۇر. بۇنداق ئىكەن، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىنىش ئىشلىرىغا توسقۇن بولىدىغان ياكى ئۇنى كېچىكتۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئامىل ئەقىل ۋە دىننىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر.

توي قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلار

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى توي رەسمىيەتلىرىدىكى قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " جەمئىيەتتىكى بەزى ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بولۇشتىن باش تارتىشلىرى، "سىناشتۇق" شۇئارى ئاستىدا بىر بىرى بىلەن ئايلارچە، ھەتتا يىللارچە نىكاھسىز، تۇرمۇشسىز سۆرۈشۈپ يۈرۈشلىرى، بەزى قىزلارنىڭ نومۇستىن بوۋاقلارنى كوچىلارغا تاشلىۋېتىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، بەلكى چوڭ سەۋەبى توي چىقىملىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى، قىزلىق مېھرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىشىلەر ئوغۇل قىزلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىماستىن، پەقەت باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ياكى بۇ ئارقىلىق بايلىق توپلىۋېلىش نىيىتى بىلەن توي چىقىملىرىنى ھەدەپ ئۆرلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياش، ئوغۇل قىزلارنى نۆۋەتتىكى ئۆيلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. نىشانلىنىپ بولغان قىزلارمۇ كەلمىگەن ئامەتنى كۈتۈپ ياكى ئۇ، بايلىقتىن مىليونلاپ تۆكۈپ بېرىدىغان بىرەر باينى تاپالماي ئۆيلىنىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەتتا قېرىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆيلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قىزلار تىزلا قېرى چىرايىغا كىرىپ قالىدۇـ دە، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ئوغۇللار بولسا، ۋاقتىدا ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغانلىقى سەۋەبتىن، ئۆيلىنەلمەي، خالىغان يامان يوللارغا كىرىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ."

سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغۇل قىزلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆيلىنەلمەي، نۆۋەتتىكى تۇرمۇشتىن مەھرۇم قېلىشلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك رەزىل يوللارغا كىرىپ كېتىشلىرىگە سەۋەبكار ئاتا ئانىلاردۇر، ئەلۋەتتە. بۇ خىل بالالارغا دۇچار بولماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى توي چىقىملىرىنى ۋە قىزلارنىڭ مېھىرلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتمەسلىك، ئېھتىياجىغا قاراپ، ئازغا كۇپايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

توي رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلىتىش زۆرۈردۇر

سىراجىددىن ئەزىزى يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسان شۇنداق ھۆرمەتلىك مەۋجۇداتكى، ئۇ، پۇلغا سېتىپ ئېلىنمايدۇ. قىزلار دۇنيانىڭ ھەرقانداق بايلىقلىرىدىن ئەلۋەتتە قىممەتلىكتۇر. باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ياكى باشقىلارنىڭ نارازى بولۇشلىرىدىن قورقۇپ ياكى مال دۇنيا تەمەسى بىلەن توي چىقىملىرىنى ئۆستۈرۈۋېتىش خاتادۇر. ئوغۇل قىزلارنىڭ كېلەچىكىنى ۋە بەخت سائادىتىنى ئويلاپ ئىش كۆرۈش كېرەك. پۇل مال كىشىنى كۆپ ھاللاردا بەختلىك قىلالمايدۇ. ئائىلىنى پەقەت قانائەت، ئازغا رازى بولۇش، ئورتاق مۇھەببەتلا بېيىتالايدۇ ۋە بەختلىك قىلالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: "ئەڭ ياخشى ئايال كىشى ئۇنىڭ مېھرىنىڭ يېنىك بولغىنىدۇر." دەپ كۆرسەتكەن. (ئىبىن ھاببان رىۋايىتى)

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: "ئەڭ بەرىكەتلىك ئايال ئۆيلىنىشنىڭ تېز بولغىنى، تۇغۇتىنىڭ تېز بولغىنى ۋە مېھرىنىڭ يېنىك بولغىنىدۇر." (ئەھمەد رىۋايىتى)

جەمئىيەتتىكى بەزى ئاڭسىز ۋە دىيانەتسىز كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشىدىن ياكى "قىزىنى بىكارغا بېرىۋەتتى" دېگەنگە ئوخشاش تېتىقسىز سۆزلەرنى تارقىتىشىدىن قورقماستىن، بەلكى ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھتىن قورقىشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتقان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېيىبلەنمەيدۇ ۋە خورلانمايدۇ. " (توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.