سۇنامى ئاپىتىدىكى ياردىمىگە قارىغاندا خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ئەمەس
2005.01.05
خىتاي ئىقتىسادى كۈچىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا سەھنىدىكى ھەرىتىكىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ھىندى ئوكياندىكى سۇنامى ئاپتىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە 60 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىلەن ئالدىراشلىقى شۇنداقلا ياپونىيە 90 - يىللاردىكى ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇقنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمىغان ۋەزىيەت ئاستىدا، خىتاينىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يىتەكچى كۈچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامما خىتاينىڭ ھىندى ئوكياندىكى سۇنامى ئاپىتىگە بەرگەن ياردىمىنىڭ كۆلىمى، غەرب ئەللىرىنىڭ يەنىلا خەلقئارا مەسىلىلەردە يىتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تاشقى ياردەم
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئەسلىدىكى ياردەم ئاساسىدا، 60 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ ھىندى ئوكياندىكى ئاپەتكە بەرگەن ياردىمى، خەلق پۇلى بويىچە 500 مىليون يۈئەنگە توغرا كېلىدۇ. خىتاي قىزىل كرىزست جەمئىيىتى خىتاي پۇقرالىرىدىن سەيشەنبە كۈنگىچە 25 مىليون يۈئەن توپلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئەڭ كۆپ پۇل ياردەم قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە گېرمانىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، نورۋىگىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، شۋېتسىيە، ئىسپانىيە، كانادا ۋە دانىيىلەردىن كېيىنكى 11 - ئورۇننى ئىگىلىدى. ئامېرىكا 350 مىليون دوللار ياردەم قىلغان. ياپونىيە 500 مىليون دوللار، گېرمانىيە 670 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەتبۇئاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 60 مىليون دوللار خىتاينىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئەڭ كۆپ تاشقى ياردىمى بولۇشى مۈمكىن. بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىققا 13 مىليون دوللار ياردەم قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ھىندى ئوكياندىكى ئاپەتكە قىلغان ياردىمىگە قارىتا ھەر خىل باھالارنى بەرمەكتە. » نيۇ - يورك ۋاقتى « گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جىم ياردلېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ياردىمى ئامېرىكا ۋە ياپونىيىلەرنىڭ ياردىمىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاز بولۇپلا قالماي، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى جەھەتتىمۇ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن.
ئامېرىكا يارىدىمىنى كېڭەيتمەكتە
ئامېرىكا، تىنچ ئوكيان ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز پىلوتىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 13 مىڭ ئەسكىرى، 14 ھەربىي پاراخوتى شۇنداقلا 45 دانا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل، ھىندىنوزىيىدىكى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقان تىك ئۇچارلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كولىن پوۋېلل مۇنداق دەيدۇ: "بىز تىك ئۇچارلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىمىز، بۇ ھىندىنوزىيە قىسىملىرىنىڭ قۇتۇقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاسانلاشتۇرىشى مۈمكىن شۇنداقلا بىز ھىندىنوزىيە دائىرىلىرىنىڭ يىمەك - ئىچمەك ۋە چىدىرغا ئىھتىياجى بولسا تەمىنلەيمىز،" دەپ كۆرسەتكەن.
خەلقنىڭ يارىدىمى
ئامېرىكىدىكى خەير - ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالار ئۈچۈن توپلىغان ئىئانىسى 200 مىليون دوللاردىن ئاشقان. خىتاينىڭ ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى 35 كىشىلىك داۋالاش گۇرۇپپىسى بىلەن چەكلەنگەن. جىم ياردلېي “خەلقئارا ئاۋانگاردلار مۇنبىرى “گېزىتىدىكى ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: “ گەرچە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى تەسىرى ئۆزلىكسىز كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ بىراق، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئاپەتكە قايتۇرغان ئىنكاسى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە توشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.” ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى دەيۋىد شامبوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئارمىيىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئامما خىتايلاردا خەلقئارا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئادىتى يىتىلمىگەن .
ئامېرىكا يالە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ يىراق شەرق پەنلىرى لىكتورى دوكتور قاھار بارات، خىتايلارنىڭ ئامېرىكىغا يېتىشى ناتايىنلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندى ئوكياندىكى ئاپەت ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن، ۋاشىنگتوننى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل ئالدىنقى كۈنى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلارنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن . ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ئاپەت رايونىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تېزلا ئىنكاس قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىنوزىيىدىكى بىر دىنىي مەكتەپنىڭ مۇدەررىسى مۇنداق دىگەن: "ئامېرىكا دۇنيانىڭ ساقچىسى، بىراق ھازىر ئامېرىكا بىزگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكىدىن تولىمۇ مىننەتدار." (ئەركىن)