خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2001 - يىلىدىن باشلاپ يېزا-قىشلاقلاردا دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. بۇ جەرياندا 171 مىليون 250 مىڭ يۇەن پۇل سەرپ قىلغان. ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ھەر يىلى تۇغۇت يېشىدىكى 3 مىليون 300 مىڭ ئايال دېھقان، چارۋىچىغا ئۈزۈك سالدۇرۇش، بۇغۇش، تېرە ئاستىغا دورا قويۇش، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىلغان.
شۇنىڭ بىلەن يېزا-قىشلاقلاردا دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ نوپۇسى زور دەرىجىدە ئازايغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىل 27 مىليون 100 مىڭ يۇەن پۇل ئاجرىتىشنى پىلانلىغان. 'شىنجاڭ گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا پىلانلىق تۇغۇتنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات، تېخنىكا مۇلازىمىتى ئۈچۈن 13مىليون يۇەن پۇل چۈشۈرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھۈسەن ئەپەندى خىتاي ھۈكۈمىتى تارقاتقان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن يەكەن ناھىيسىدىن ئاپتونوم رايونغا يوللانغان تۇغۇت چەكلەش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ 'خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 5 مىليون ئۇيغۇرنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن قىرىپ تاشلىدى' دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
ھۈسەن ئەپەندى يۇقارقى مۇلاھىزىسى ئاساسىدا، پۈتۈن دۇنيانى خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان چوڭ قىرغىنچىلىقىنى كۆرۈشكە چاقىردى. (ۋەلى)