ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسىگە ھۆكۈمەتنىڭ 2008 - يىلقى خەلقئارا ياردەم پروگراممىلىرىغا ئاجراتقان خام چوت لاھىيىسىنى يوللىغاندا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ئاجرىتىلغان مالىيە ياردەم سوممىسىنى يەنە تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇش ھۆكۈمىتى، ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى ۋە بۇ سىياسەت ھامىلدار ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە قىستايدىغان غەيرى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللىدى.
ب د ت ن ف ج خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتىگە شېرىك بولىۋاتىدۇ
بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ئاجرىتىلغان 34 مىليون دوللار تاشقىي ياردەم سوممىسىنى ئۇ 2001 - يىلى تەختكە چىققان 6 يىلدىن بۇيان، ئۇدا ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ قېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پرېزىدېنت بۇش، ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە بېرىلىدىغان ياردەمنى مەزكۇر ئورگان خىتاينىڭ ھامىلدار ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلايدىغان ۋە مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇدىغان غەيرى ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسىتىگە شېرىك بولىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوللاۋاتىدۇ، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن توختۇتۇپ قويماقتا.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرىپونتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا يازغان خېتىدە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلمۇ نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم بەرمەسلىككە قارار قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇش ۋە بالا چۈشۈرۈشكە ئارىلاشقان ياكى ئۇنى قوللىغان تەشكىلاتلار ھەم پروگراممىلارغا ياردەم بېرىشنى توختۇتۇپ قويۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى.
جون نىگرىپونتې خېتىدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم بەرمەسلىكتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ،"ئامېرىكا مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇش ۋە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ. مەن شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار 6 يىلدىن بېرى، بۇ سىياسەتنى تېخنىكا ۋە مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ۋە قىسىرلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىماقتا،" دەيدۇ.
ئۇيغۇر تەشكىلاتى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۇغۇت سىياسىتى "ئىرقىي تازىلاش"
ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ دۇنيادىكى 154 دۆلەت بىلەن تۇغۇت ۋە ئائىلە پىلانلاش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقى بار بولۇپ، بۇ ئورگان بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلماقتا ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى تۇرىۋاتقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى "ئىرقىي تازىلاش" ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلەۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ سىياسىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات تەييارلاۋاتقان بۇ ئورگان، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى توڭلۇتۇپ قويغانلىقىنى قارشى ئالدى. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى رۇقىيە تۇردۈش، بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق دەيدۇ.
خىتاي تۇغۇت سىياسىتىنى قەبىھ ۋاستىلار بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرىپونتې دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا يازغان خېتىدە يەنە، خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتى ناھايىتى قەبىھ ۋاستىلار بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش پروگراممىسى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك قەبىھ ۋاسىتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنلار بىلەن داۋاملاشماقتا ۋە نۇرغۇن ساھەلەردە يولغا قويۇلماقتا. بولۇپمۇ ئىرسىي كېسەللىكى بار بويتاقلار ياكى ئەر - ئاياللارغا قارىتىلغان چەكلىمە، ئائىلە كۆلىمىنى قانۇن - بەلگىلىمىلەر بىلەن چەكلەش شۇنداقلا تۇغۇت چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېغىر 'ئىجتىمائىي ۋە تۆلەم' جازالىرى بىلەن جازالاش قاتارلىقلار،" دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي تۇغۇت سىياسىتىنى قوللايدىغانلار بار
بۇ مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئەمەس. بولۇپمۇ دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى دېموكراتلار بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم پۇلى بەرمەسلىك قارارىنى تەنقىد قىلماقتا. دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى كارولىن مالونىي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "مەن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ب د ت نۇپۇس فوندى بېرىلگەن ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئاياللارغا سەل قارىغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم. ساغلام بولمىغان بۇ قارار نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان مىليونلىغان بىچارە ئاياللارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، " دەپ كۆرسەتتى.
بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلغۇچى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ يەنە بىرى نىتا لوۋېي بولۇپ، ئۇ بۇشنىڭ قارارىنى "مەنتىقىسىزلىك،" دەپ ئەيىبلىدى. نىتا لوۋېي، بۇشنىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ،"مەنتىقىنىڭ ئورنىنى يەنە بىر قېتىم مەنتىقىسىزلىك ئىگىللىدى،" دەيدۇ. لېكىن رۇقىيە تۇردۇش، خىتايلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن ئۇيغۇرلارغا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يولغا قويۇشنىڭ ماھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
كېڭەش پالاتاسى يەنىلا بۇشنىڭ قارارىنى قوللىدى
بۇشنىڭ قارارى ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ كۈنى كېڭەش پالاتاسى 45 ئاۋازغا قارشى 48 ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، بۇشنىڭ ب د ت نۇپۇس فوندى جەمئىيىتىگە ياردەم پۇلى بەرمەسلىك ھەققىدىكى قارارىنى قوللىدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى سام بروۋېنبەك، بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغان جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ،" بۇ مەسىلە سىزنىڭ ھاياتلىق مەسىلىسىدە قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر سىناقتۇر...... يەنى بۇ باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ پۇلى بىلەن بىز بالا چۈشۈرۈشنى قوللىشىمىز كېرەكمۇ - ئەمەسمۇ، دېگەن مەسىلىسىگە قارشى تۇرۇش ياكى تۇرماسلىقىمىزدىكى سىناقتۇر،" دەيدۇ. (ئەركىن)