قەشقەردە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنى، خوتەندە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى


2008.01.10

7 - يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتىيە سېكرېتارى لى بىن ۋە خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇش لايىھىلەش توختام تۈزۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېن رۈنتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ئەھۋالى ۋە تومۇر يول لىنىيىسىنى خوتەنگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇش لايىھىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

جەنۇبتا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆمۈريولنى خوتەنگە تۇتاشتۇرۇش

تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، تۆمۈريول مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن رېن رۈنتاڭ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن كۆرۈشكەندە قەشقەردىن خوتەنگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ يېڭى پىلانىنى تونۇشتۇرغان.

ۋاڭ لېچۈەن لى بىن بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە كۆڭۈل بولۇپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ چوڭ ۋىلايەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئۇيغۇر ئىلى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە زور ئىلھام بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھازىرچە، ئۇلارنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ لېچۈەننىڭ خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزىچىلەر ئارىسىدا ھەر خىل سوئاللار پەيدا بولماقتا.

تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتىيە سېكرېتارى لى بىن 7- يانۋاردىن 10- يانۋارغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە "يېڭى يېزا ئائىلىسى مەدەنىيەت ئويى" گە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا ۋە قەشقەردە ئېچىلىدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە يېزا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

قەشقەر - خوتەن لىنىيىسىدە 2010 - يىلى توشۇش باشلىنىدۇ

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىن خوتەنگىچە تونۇشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان تومۇر يول لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر بولۇپ، قەشقەردىن باشلىنىپ، يېڭىشەھەر، ئاقتو، يېڭىسار، يەركەن، قاغىلىق، گۇما، قارىقاشلاردىن ئۆتۈپ خوتەنگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيىسىدە بۇ يىل 6- ئىيۇندا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2010- يىلى رەسمىي توشۇش باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان ۋاڭ لېچۈەن جەنۇبتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ لېچۈەن :" جەنۇبى شىنجاڭدىكى تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى قەتئىي تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك"

پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى، ۋاڭ لېچۈەن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن 2007- يىلى 27- ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت يىغىنىدا جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلار نىسبىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلار نوپۇسىنىڭ 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئېنىق قىلىپ " شۇ سەۋەبتىن ھازىردىن باشلاپ، بىز ئىرادىمىزنى يەنىمۇ قاتتىق قىلىپ، تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يېزىلاردىكى بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىكى ھەم تىز ۋە ھەم يۇقىرى ھالەتتە كۆتۈرۈلۈۋاتقان تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى قەتئىي تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە ھەر قايسى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىزمەت مەركىزىنى ئاساسى قاتلامغا يۆتكەپ، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قويۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى چەكلەش ۋە تۆمۈريولىنى خوتەنگە تۇتاشتۇرۇشتىكى ئىچكى باغلىنىش نەدە؟

ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بولۇپمۇ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى ۋە تومۇر يول لىنىيىسىنى خوتەنگىچە تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغانمۇ؟ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنى چەكلەش سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈش ئىرادىسىنى كۈچەيتىۋاتقان مىنۇتلاردا تۆمۈر يولىنى خوتەنگىچە، ئاخىرىدا خوتەندىن چىڭخەيگىچە تۇتاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئارىسىدا باشقىچە باغلىنىش بارمۇ؟ بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئاداققى غەرىزى نېمىلەرگە تىكىلگەن دېگەندەك سوئاللار مەيدانغا چىقىدۇ.

بۇ سوئاللىرىمىز ھەققىدە توختالغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن يوشۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى چەكلەش ۋە خىتايلارنى كۆپلەپ توشۇپ كېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەت ئورنىغا چۈشۈرۈپ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۇيىقەستىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ئەپەندى :"تۆمۈر يول خاراكتېر جەھەتتىن بىڭتۈەن بىلەن ئوخشاش"

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ يەنە، تومۇر يولنىڭ خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە تۆكمە قىلىپ توشۇپ كېلىشتە ئەڭ زور رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئىلشات ئەپەندى ئاخىرىدا، تۆمۈر يولنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن بىڭتۈەن بىلەن ئوخشاش بولغان بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تومۇر يول ئىدارىسى خوتەنگە بارسا خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق يەنە بىر مۇستەقىل ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغىچە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

50 يىلدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 25 ھەسسە ئارتقان

ئىلگىرى ياپونىيىدە ئوقۇپ ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ ئېيتىشىچە، 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاينىڭ نوپۇسى 25 ھەسسە ئارتقان بولۇپ، خىتاينىڭ 50 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى سانىنىڭ شۇنچە تىز كۆپىيىشىنى تۆمۈر يول ترانسپورتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىينىڭ قارىشىچە يەنە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن كەلگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىشىپ قېلىشىدىمۇ تۆمۈر يول ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، يېڭى كەلگەن خىتايلار قاتناش راۋان بولسىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق بىر بۇلۇڭ ‏- پۇشقاقلىرىغىمۇ كۆنۈپ قالىدىكەن. (‏جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.