تۈمەن دەرياسى قاچان سۈزۈلىدۇ؟

0:00 / 0:00

قەشقەر شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسى ، قەشقەرنىڭ بوستانلىقلىرىنى سۇغۇرۇپ، شەھەر مۇھىتىغا گۈزەللىك ئاتا قىلىپ كەلگەن، بۇلاق سۈيىنى مەنبە قىلغان بىر تىپىك دەريا ئىدى، ئەمما بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈمەن دەرياسىدا ئاجايىپ ‏- غارايىپ رەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەدبۇي لاتقا ئاقماقتا. تۈمەن دەرياسىنىڭ ئون يىللاردىن بۇيان بۇلغىنىپ بۇ ھالەتكە كېلىپ قېلىشى ، يەنىلا باشقا مۇھىت بۇلغىنىشلىرىغا ئوخشاشلا ئادەملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

بۇلاقلاردىن شەكىللەنگەن دەريا

تۈمەن دەرياسى تارىم ۋادىسىدىكى بۇلاق سۇلىرىدىن شەكىللەنگەن نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى تىنچ ئېقىپ كەلگەن ، ئىلان باغرى دەريا . بۇ دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 58 كىلومېتىر ،قەشقەر شەھەر ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قىسمى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئانا دەريانىڭ سۈيىدىن قەشقەر دىيارىدىكى 230 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ھەمدە بىر مىليون ئەتراپىدا خەلق ۋە يەنە 200مىڭ تۇياق ئەتراپىدىكى چارۋا ماللار پايدىلىنىدۇ.

-1990يىللارغىچە دەريا ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان قەشقەر خەلقى تۈمەن دەرياسى سۈيىنى ئىستىمال قىلىپ تاماق ئېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا بارا ‏- بارا بۇ دەريادا ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيى ئورنىغا بۇلغانغان كېرەكسىز سۇ ھەم لاتقا ئاقىدىغان بولۇپ قالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەر نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى ھەمدە دەريا ۋادىسىدا قۇرۇلغان تۈرلۈك زاۋۇت ‏- كارخانىلارنىڭ تۇرمۇش ھەمدە سانائەت كېرەكسىز سۇلىرىنى تۈمەن دەرياسىغا قويۇپ بەرگەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، قەشقەر تۈمەن دەرياسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەم مەلۇماتلار بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت تور بەتلىرى ھەمدە ئاخبارات تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

تۇرمۇش ھەم سانائەت كېرەكسىز سۇلىرى بۇلاق سۈيىگە قۇيۇلغاندا ...

تۈمەن دەرياسى سۈيى ھەمدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى ، بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ دەريا مۇھىتىنى بۇلغاش قىلمىشلىرىنى توسۇش ھەققىدىكى پىكىرلەر ھەتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ھەمدە خىتاي قۇرۇلتايلىرىدىمۇ ۋەكىللەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە قەشقەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تۈمەن دەرياسىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى -2001 يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان بولسىمۇ ، -2006 يىلىغا بارغاندا يەنىلا ، يىگىرمە نەچچە ئورۇننىڭ كېرەكسىز سۇلىرى ھەم ئەخلەتلىرىنى تۈمەن دەرياسىغا ئاققۇزۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

يېقىندا شىنجاڭ ئاخبارات تورى ھەمدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە تۈمەن دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان دەريا ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قايتا خەۋەرلەر بېرىلدى.

مەزكۇر خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، تۈمەن دەرياسى بۇيىدا 89يېمەكلىك مۇلازىمەت ئورنى، ئىككى چوڭ تىپتىكى مېھمانخانا ھەمدە دوختۇرخانىلار ، زاۋۇت، فېرمىلار ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مەكتەپ ھەمدە ئاھالىلەر رايونلىرى بولۇپ ، مانا بۇ ئورۇنلارنىڭ تۇرمۇش كېرەكسىز سۇ يۇندىلىرى ،مىكروپلانغان پاسكىنا سۇلىرى، سانائەت پاسكىنا سۇلىرى دەرياغا قويۇپ بېرىلگەنلىكتىن يىللاردىن بۇيان تۈمەن دەرياسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ ئەتراپتىكى مۇھىت ھەمدە دەريانىڭ ئاخىرقى ئېقىنلىرىغىچە بولغان مۇھىتنىمۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان ئىكەن.

دەريا مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى بارغانچە ئېغىر بولماقتا

تۈمەن دەرياسىغا يېقىن جايلاشقان بىر مەھەللىدىكى ئائىلىلەرگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ، تۈمەن دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بىز يەنە، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى تۈمەن دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىغا تېلېفون ئۇلىدۇق.

گەرچە قەشقەر دائىرىلىرى ئىلگىرى تۈمەن دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىغا، بۇ جايدا ئەخلەت ھەمدە كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سىستېمىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ خىل تۇرمۇش ھەمدە سانائەت كېرەكسىز سۇ ۋە ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سىستېما تورلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا مۇكەممەل دېگىلى بولمايدىكەن . شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈمەن دەرياسىنىڭ مۇھىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيلا قالماي داۋاملىق بۇلغىنىپ شەھەر مۇھىتى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)