خىتاي خېنەندىكى توقۇنۇشنىڭ تىنجىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
2004.11.04
خىتاي دائىرىلىرى خېنەننىڭ جېڭجۇ رايونىدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تىنجىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق رايوندىن كەلگەن خەۋەرلەردە ساقچىلارنىڭ كوچىدىكى گۇمانلىق كىشىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا توقۇنۇش جەريانىدا 7 كىشى ئۆلگەن 42 كىشى يارىلانغان. خېنەننىڭ جېڭجۇ شەھرىگە تەۋە لاڭ چىڭگاڭ بازىرىنىڭ ئىككى كەنتىدىكى خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش 5 كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى توقۇنۇشنىڭ تىنجىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا نەچچە يۈز كىشىلىك قوراللىق ساقچىلار ۋە ھەربىيلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر كوچا- كويلاردا پوست تۇرۇپ، تونۇقۇشنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رايوندا يولغا قويۇلغان ھەربىي ھالەتنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىكار قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندىكى يەرلىك دائىرىلەر، ۋەقەنىڭ تىنجىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق قوراللىق ساقچىلار ھازىرغا قەدەر كوچا -كويلاردا چارلاش ئېلىپ بارماقتىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن نەنرىن كەنتىدىكى بىر كادىر مۇنداق دەيدۇ: " ۋەقە بىر تەرەپ قىلىندى، توقۇنۇش تىنجىتىلدى". بىراق، ئۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم قوراللىق ساقچىلارنىڭ كوچا-كويلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندىكى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ۋەقە تۇغدۇرغانلارنى سۈرۈشتۈرۈپ قولغا ئېلىشنى باشلىغان. ئۇ " ھازىر ساقچىلار ئاساسلىقى ۋەقە تۇغدۇرغان خىتايلارنى تۇتىۋاتىدۇ، تۇڭگانلارغا تەگمىدى" دېدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇش يۈز بەرگەن لاڭ چىڭگاڭ كەنتىدىكى بىر تۇڭگان ئايال، " خىتايلاردا باشقىلارنى بوزەك قىلىش تەبئىيىتى بار، ئۇلار باشقىلارنى بوزەك قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى" دەپ تەكىتلىگەن. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى قامال قىلىپ، رايونغا كىرىشكە ئۇرۇنغان چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن 10 كىشىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا كىرىشىگە يول قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، " ۋەقە جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا باش قاتۇرۇشى ھاجەتسىز، ۋەقە ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىندى" دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ يوڭكاڭ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىگە " توقۇنۇشنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەلىمات بەرگەن.
تۇڭگانلار خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان جوڭگودىكى نۇپۇسى ئەڭ كۆپ، خىتاي بويىچە مەملىكەت خاراكتىرلىك تەسىرگە ئىگە مىللەت. خىتاي - تۇڭگان مۇناسىۋىتى جوڭگودىكى مەملىكەت خاراكتىرلىك مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. كانادادىكى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دۇ جىفۇ، خىتايدا مىللى مەسىلىلەرنى يۇمشىتىشنىڭ يولى ھەقىقى مەنىدىكى ئاپتونومىيىنى يۈزگۈزۇش دەپ كۆرسەتتى. مىللى مەسىلىنى نوقۇل مۇلايىم ۋاستىلار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا ھازىرقى ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك، بولۇپمۇ تىبەت مەسىلىسىنى ئالغاندا تىبەت مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارالىشىپ كەتتى. تىبەت مەسىلىسى خەلقئارالىشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا تىبەت مەسىلىسىنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلمىغاندا بۇ يەردە يۈز بەرگەن توپىلاڭ، پۈتۈن مەملىكەت ۋەزىيىتىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتسە ئەكسىنچە تەسىر يارىتىشى، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغوللاردا ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. مەيلى مەلۇم رايون بولسۇن ياكى ئاز سانلىق مىللەت بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەلىپى بولىدۇ. نوقۇل مۇلايىم ۋاستىلەر بىلەن مىللى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ".
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىڭتاۋ، يېقىندا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئۈگىنىشىدە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن مىللى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. سىياسى ئۈگىنىشدە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شىنمېي بىلەن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چى شىيۋەن، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەرگەن. ياڭ شىمېي، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلىشىش، ئۇلارغا بېسم ئىشلىتىش مىللى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قالايمىقانچىلىقى ۋە بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلدى
- خىتاينىڭ غەربىدىكى رايۇنلاردا مىللىي توقۇنۇشلار كەسكىنلەشمەكتە
- تۇڭگانلار ئىسلامغا قارشى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- خېنەن ئۆلكىسى جوڭمۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق لاڭچېڭگاڭ بازىرىدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى