مەرھۇم تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئاخىرەتلىكى قانداق ئۆتكەن؟

0:00 / 0:00
TurghunAlmas-150.jpg
تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ياش ۋاختىدىكى سۈرىتى. Photo from Wikipedia

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى 2001- يىلى 11- سېنتەبىر كۈنى سۈبھىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆزى سۆيگەن ئانا ماكاندىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا يەتكەندىن كىيىن، ھۆكۈمەت خەلققە بېسىم ئىشلىتىپ مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى دەرھال ئۇزىتىۋېتىش ھەمدە ئورگانلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدارە -جەمئىيەتلەرنىڭ مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشماسلىقى خۇسۇسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق قەلبىدىن ئەبەدىي ئالىي ئورۇنغا ئېرىشكەن تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئاخىرەتلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلدى.

خەلق ئۆزگىچە شەكىلدە مەرھۇمغا ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى

گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن نە تېلېۋىزور، نە بىرەر يەرلىك گېزىتىنىڭ بىر بۇرجىكىدىمۇ، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە ئاتاپ ئىككىلىك خەۋەر ياكى بىر مەرسىيە ‏- قەسىدىلەر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۇرغۇن ئالماسنىڭ مېيىتى تولىمۇ ئالاھىدە ئۇزىتىلغان بولۇپ، خەلق ئۆزگىچە شەكىلدە مەرھۇمغا ئۆز ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى جان ئۈزگەن كۈنى دادىسىنىڭ بېشىدا بولغان ئوغلى مۇرات ئالماس ئەپەندى شۇ كۈنكى ئەھۋالنى ئەسلەپ: " ھۆكۈمەت دادامنىڭ مېيىتىنى تىز دىن قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى" دەيدۇ.

مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار زاتلار تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنىڭ پەقەت نوغاي مەسچىت تېمىغا چاپلاپ قويۇلغان ئۇقتۇرۇشتىن بىلگەنلىكىنى ئەسلەشتى. ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ياش يازغۇچى، تەتقىقاتچى كۈرەش ئاتىخان ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە خەلق نەشرياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ شۇ كۈندىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، شۇ كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە- قۇرئان ئوقۇتقان

تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ھامۇت كۆكتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تۈركىيىگە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مۇسىبەتكە چۆمگەن ھەمدە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى گېنېرال مەھەممەت رىزابېكىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۇرغۇن ئالماسنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە- قۇرئان ئوقۇتقان ۋە نەزىرە بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق نەزىرگە 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

مەرھۇمنىڭ سىماسى خەلق ئارىسىدا مەڭگۈ زاھىردۇر

گەرچە، تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى كۆز يۇمغىلى 6 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەرھۇمنىڭ قامەتلىك سىماسى، ئۇ يېزىپ قالدۇرغان تارىخى كىتابلاردا، شېئىر مىسرالىرىدا، بولۇپمۇ ئۆزى يازغان، مەشھۇر ئۇيغۇر مۇزىكانت، خەلق ئارتىسى زىكىر ئەلپەتتاھ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن "تەنلىرىم ياپراق" ناملىق ناخشىدا ھەردەم زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ. (جۈمە)