تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر بىرلىك قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟

0:00 / 0:00

ھۆرۈرىيەت گېزىتىدە يېزىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ ئالماتا بۈيۈك ئەلچىسى تانېر سەبەنمۇ ‘بۇ يەردە تۈرك بىرلىكى پىكرى قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ رايون تەبىئى بايلىقلار جەھەتتىن بۇ ئەسىرنىڭ رايونى بولۇپ قالغۇسى. رايوندا تۈركىيىنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك. تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك’ دېگەن.

خەۋەردە يېزىلىشىچە يەنە قازاقىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەجبۇرى رۇسلاشتۇرۇلغان بۇ رايونلاردا تۈركلۈككە قايتىش دەۋرى باشلانغان بولۇپ، نازاربايەفنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئىچكى سىياسەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى 15 يىلدىن بۇيان سىياسى ۋە ئىقتىسادى بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان تۈركىي دۆلەتلەرگە بىر چاقىرىق سۈپىتىدە سۆزلىگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا، ئىكەن.

نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بۇ چاقىرىقىغا تۈركىيە نىمە ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ تۈرك دۇنياسىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش بىر بىرلىك قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى قانداق بولار؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ھاجېتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.