تۈركىيە ژۇرنالىستى مەمەت راگىپ ۋۇرالنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2007.08.21

ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارلا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىدۇر. تۈركىيىدە ھەر ساھەدە ئىشلەيدىغان ۋە بۇ تۈرك دۇنياسىغا قىزىقىدىغان ياشلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ۋە بۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى قانداق يۈرۈتۈش ھەققىدە ئۆزىگە خاس پىكىرلىرى بار. بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا تۈركىيىدە نەشىردىن چىقىدىغان "2023 ئىستراتېگىيە" ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى، ئاتا تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگرامما ئىشلىگۈچىسى مەمەت راگىپ ۋۇرال ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۆۋەندىكىسى بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتى.
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك راگىپ ۋۇرال ئەپەندى، سىز رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىكەنسىز. ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىڭىزمۇ ئېلان قىلىندى. سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشىڭىز قانداق باشلانغان ؟
مەمەت راگىپ ۋۇرال: 1980-يىلىدىن بۇرۇن بىز دۇنيادا ئەسىر تۈركلەر دېگەن ئۇقۇمغا ئىشىنەتتۇق. شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. بىز ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمىزدا بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن خىيالى تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە ئىدى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىققە ئېرىشتى ئەمما شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشەلمىدى. ئەنە شۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ قىززىق نۇقتىمىز بولۇپ قالدى. مەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم، بۇ مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بىز تېخى يېڭى باشلىغان ئىدۇق بۇ ئىشلارغا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەھرىمانلىرى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
ئەركىن تارىم : سىز بۇرۇنقى سۆھبەتلىرىمىزدە ھازىر تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىڭىزنى، دەپ ئۆتكەن ئىدىڭىز . سىزچە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن مەزگىلىدە قانداق ئىدى، ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ.
مەمەت راگىپ ۋۇرال: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىننىڭ ئىسمى بىلەن بىر پۈتۈن بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن بۇ دەۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. ئۇ دالاي لاماغا ئوخشاش ئىدى بولۇپ، ھەر جەھەتتىن بۇ دەۋاغا لايىق ئىدى. ھازىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇرناللىرى بار، ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى بار. ئەمما بۇ جۇرناللاردا بىر يېڭىلىق يوق. ئوخشاش پەدىدە چىقىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بىر ۋەقە بولغاندا بىز خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلىپلا كېتىپ قالىمىز.
مەنچە بۇ يېتەرلىك ئەمەس. بۇ دەۋانى سەۋىيىلىك، پىلانلىق، ئىستراتېگىيىلىك بىر دەۋاغا ئايلاندۇرۇش لازىم. پۈتۈن دۇنيا تونۇيدىغان بىر لىدېرنى تىكلەپ چىقىرىش لازىم. بۈگۈن رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇشى ياخشى بىر باشلانغۇچ. ئۇيغۇر تەشۋىقات ۋاستىلىرى پەقەتلا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتماستىن بەلكى بۇ دەۋانى غەرب دۇنياسىغا ئاڭلىتىشى كېرەك. ئىنگلىزچە تور بەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.
يەنە بىر مەسىلە، مەن بىر جۇرنالىست بولغاچقا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى يازغىنىمدا ئىنتېرنېتتىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىملەرنى تاپالمايمەن. ئىنتايىن ئاز. بۈگۈنكىدەك تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇ يەردىكى بېسىملارغا ئائىت نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى مەن ئىنتېرنېتتىن خالىغان ۋاقتىمدا تاپالىشىم كېرەك ئىدى. شۇڭا تەۋسىيەم، ئاخباراتچىلارنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن چوڭ ھەجىملىك رەسىملەرنى قويۇپ قويسۇن، بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنايلى. چۈنكى بىز ئىزدىگەن ۋاقتىمىزدا 10 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم تاپالمايمىز .
ئەركىن تارىم: سىز ئۇيغۇرلاردا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېتەرلىك مەنبەلەرنىڭ يوقلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز. ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز دەۋاسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يېتەرلىك دەرىجىدە يەر ئالمايۋاتقانلىقىنى دېمەكتۇر. ئۇيغۇرلار بۇ دەۋاسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تېخىمۇ كۆپ يەر ئېلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
مەمەت راگىپ ۋۇرال: مەتبۇئاتنىڭ ئادەتتە پرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك: بىر خەۋەر چۈشىنىشلىك ۋە ئاددىي بولۇشى، خەلقنى ئاسان جەلپ قىلىدىغان ۋە رەسىملەر بىلەن بېرىلگەن بولۇشى كېرەك. دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇدۇل خەۋەر ئېلىشى قېيىن. شۇڭا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار دۇنيا مەتبۇئاتچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەر ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىن قىلىشى كېرەك، بۇ خىل خەۋەرلەرنى ئۇيغۇرلار دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا ئاكتىپ ھالدا ئەۋەتىشى كېرەك.
مۇشۇنداق قىلغاندا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالالايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئورتاق تىل ئىنتايىن مۇھىم. بۇ تۈر خەۋەرلەرنى ئىنگلىزچە قىلىپ تەييارلاش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىر خەۋەرنى رەسىم بىلەن ئەۋەتىش كېرەك. چۈنكى رەسىم بىر پاكىت ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا خەلقئارادىكى چوڭ تەشكىلاتلارنى ۋە مەتبۇئاتلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.
ئەركىن تارىم : ھۆرمەتلىك مەمەت راگىپ ۋۇرال ئەپەندى، ئۇيغۇرلار تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن مەمنۇن ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئۇ يەرلەردىمۇ دەپسەندە بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ ۋە بۇ ھەقتە يىغىنلار ئېچىلىۋاتىدۇ. تۈرك دۇنياسىدىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا بولامدۇ ؟
مەمەت راگىپ: بۇلارنى قىلىش ئەلۋەتتە مۇمكىن. بۇنداق كىچىك تىپتىكى يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەۋجۇتلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيەردە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىتالىساق بۇ بىز ئۈچۈن مۇھىم بىر نەتىجە بولىدۇ. بۇ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتقىنىدا ئۇلارمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئاڭلىتىدۇ.
بىزنىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا ئورتاق بىر نەشرىيات مەركىزىمىز بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، ئۆزبېكچە ۋە تاتارچە تىللاردا بىر تور بېتى ئېچىلىپ، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا ئائىت خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار بۇ تور بەتتە توپلىنىشى لازىم. ئەمما ھازىرغىچە بۇ خىزمەت قىلىنغىنى يوق. بۇ تور بەتلىرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر- بىرىنىڭ دەردىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇنى سىياسەتتە ئەكس ئەتتۈرۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بىر ئىش. يەنى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 15 يىلغا قارايدىغان بولساق، بۇ جەھەتتىكى تەرەققىيات ناھايىتى ئاستا. ئىنشائاللاھ كېلىدىغان يىللاردا ھەممە كىشى بۇ ئاڭغا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا تىرىشار.
ئەركىن تارىم : ھۆرمەتلىك مەمەت راگىپ ۋۇرال ئەپەندى، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى قېرىنداشلىرىغىمۇ ياخشى ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى دەپ ئۆتتىڭىز. ئەمما بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ 15 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان سىياسەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز دەردىنى قانداق ئاڭلىتىشى كېرەك؟
مەمەت راگىپ: بۇ جۇمھۇرىيەتلەر دېموكراتىيىلىشىشنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئۇيەردىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ھەققىدىمۇ بەزى مەسىلىلىرى بار. ئۇلارغا تېخى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قېرىنداش بولغانلىق ئۇقۇمىمۇ يەرلەشكەن ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇر تۈركلىرى شۇنىڭدىن خوشال بولسۇنكى، تۈركىيىدىكى تۈركلەر خىتايلارنىڭ ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. تۈركىيىدىكى تۈركلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ھېچبىر تۈركىي مىللەت يوقالمايدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يارىسىنى قەلبىمىزدە ھېس قىلغاچقا بىز بۇ يولدا كۈرەش قىلىۋاتىمىز. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز دەرتلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.
چۈنكى، ئۇلار مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن مەيلى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ئۇلار نۇرغۇن ئىمكانلارغا ئىگە. مەنچە ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئىشلار بولىدۇ. چۈنكى خىتايلار غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دۇنياۋىلىشىش، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىگە ئوخشاش ئۇقۇملارغا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا خىتايلار كىشىلەرگە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە مەجبۇر قالىدۇ. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئورخان كاۋۇجۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- 18 - نۆۋەتلىك ئەرجىيەس قۇرۇلتىيىدا " شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كۆرگەزمە ئېچىلدى
- 13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قارارلار ئالدى
- 13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنماقتا
- 13 - نۆۋەتلىك تۇرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ماكېدونىيەدە رەسمى باشلىدى
- تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىسى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- يىغلاۋاتقان تۈركلەر
- تۈركىيىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان تۈركىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بىلەن سۆھبەت
- تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كۈتۈپخانا باشلىقلىرى يىغىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى