38 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكتە
2007.09.11
38 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا ئامېرىكا، گېرمانىيە،رۇسىيە، ئەنگىلىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش 66 دۆلەت ۋە رايوندىن جەمئىي 1885 ئىلىم ئادىمى قاتناشماقتا. 130 يىلدىن بېرى ھەر يىلى دۇنيانىڭ پەرقلىق دۆلەتلىرىدە ئېچىلىۋاتقان بۇ يىغىندا تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، سەنئەت، مۇزىكا ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش تېمىلار تەتقىق قىلىنغان 1800 ئەتراپىدا ماقالە سۇنۇلىدۇ.
9 - ئاينىڭ 10- كۈنى ئەنقەرە بىلكەنت مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، مەدىنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ۋە بېشىر ئاتالاي قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا 80 ياشتىن ھالقىغان 12 تۈرك ئالىمىغا ئەڭ قىممەتلىك بىلىم ئادىمى مۇكاپاتى بېرىلدى. بۇلار تۈرك مەدىنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى،پروف.دوكتور شۈكرى ئەلچىن، پروف.دوكتور ئىھسان دوغراماجى، مائارىپچى سۇلايمان قازماز، سەنئەت تارىخچىسى ئوكتاي ئاسلاناپا، مەشھۇر تارىخچى ھالىل ئىنالجىك، تىلشۇناس پروفېسور زەينەپ قورقماس، تارىخچى ھەمزە ئەرئوغلۇ ۋە قەدىمقى تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى كازىم مىرشان قاتارلىقلاردۇر.
كازىم مىرشان ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى كازىم مىرشان 1919 - يىلى7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1937 - يىلى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ تۈركىيەدە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىـتېتىدا ئوقۇغان. قازىم مىرشاھ گېرمانىيەدىمۇ ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ گېرمانچە، رۇسچە ۋە ئىنگىلىزچە تىللىرىغا پۇختا بولۇپ بۇنىڭ سىرتىدا ئۇ پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدىكەن. ئۇ تۈركىيەدە مىلادىدىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان. ئۇ تۈنۈگۈنكى بۇ مۇراسىمدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ قولىدىن مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسور ئابدۇكېرىم راخمان، ئاتاتۈرك ناملىق كىتاپنىڭ يازغۇچىسى ۋە تارىخچى يۈسۈپجان ئىسلام، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تارىخچى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىقلار قاتناشتى. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى چېن شىمىڭ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى پروفېسسورى خۇ جىڭخۇا قاتارلىقلارمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشماقتا.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان بىلىم ئادەملىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئوردوغان مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك خانىملار ۋە ئەپەندىلەر، سىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن قارشى ئالىمەن. دۇنيا تېنچلىقى ۋە خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان سىلەرگە ئوخشاش قىممەتلىك بىلىم ئادەملىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كەلگەنلىكىڭلاردىن ئىنتايىن خوشاللىق ھېس قىلىمەن. بىر جاھان دۆلىتى قۇرغان ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى بولغان ئوسمان گازىنىڭ ئوغلى ئورخان گازىغا ۋەسىيىتى ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك ۋە كۈرۈشچانلىققا ئىگىدۇر. ئۇ ئوغلىغا: ئەي ئوغلۇم، ئالىملار، سەنئەتكارلار، ئەدىپلەر دۆلەتنىڭ بەدىنىنىڭ كۈچىدۇر. ئۇلارغا ئىلتىپات قىل، ئۇلارنى قەدىرلە. ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە قۇللارنىڭ زۇلۇمىنى كۈزەت. سەندىن كېيىنكىلەرگىمۇ مۇشۇنداق نەسىھەت قىل. خەلقىڭنى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ۋە زۇلۇمدىن قوغدا. ھەقسىز يەرگە ھېچبىر كىشىگە ئازار بەرمە. خەلقىڭنىڭ رازىلىقىنى ئال.،دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. مانا بۇ سۆزلەرنىڭ ئارقىسىدا ئىنسان سۆيگۈسى بار، ئادالەت بار، تېنچلىق بار ۋە تەڭ ئورتاقلىشىش ئىدىيىسى بار. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىدىغانلارنىڭ، قولىدا كۈچى بارلارنىڭ، دۆلەتلىرىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەشتە سۆز ئىگىسى بولغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلەردىن دەرس چىقىرىشى كېرەك."
رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلىم ئادەملىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئۈستىدە توختۇلۇپ سۆزىگە مۇنداق داۋام قىلدى : " ئىنسانلىق ئالىمىدە بىلىم ئادەملىرىنىڭ، سەنئەتكارلارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ باي مەنىۋى دۇنيالىرىدىن بىزلەرگە يېتىپ كەلگەن مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن ھەقىقەتلەر بار. بىز بۇلاردىن ئەڭ ياخشى دەرىجىدە پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ سىلەرگە ئوخشاش قىممەتلىك بىلىم ئادەملىرى، سەنئەتچىلەر ۋە ئەدىپلەر! سىلەر مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭ، دۇنيانى ئىدارە قىلىۋاتقانلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرىسىلەر ۋە شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. بىز سىياسەتچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ھەر بىر ئېغىز سۆزگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى سەمىڭلەرگە سالماقچىمەن. شۇنداق بىلىم ئادەملىرى باركى، دۇنيا تېنىچلىقىغا زىيان سالماقتا. ئەپسۇسكى مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈنمەكتە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى پەقەتلا ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ تېنچلىقىنى ئۆزىگە پرىنسىپ قىلغان بىر دۆلەت. ئۇلۇغ ئاتا تۈركنىڭ يۇرتتا تېنچلىق دۇنيادا تېنچلىق، دېگەن سۆزى بىزنىڭ يول كۆرسەتكۈچىمىز."
يىغىندا ئوقۇلىدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلەر
بۇ يىغىن 9 - ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەردىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى ئۇيغۇر مەنبەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا قوش تىللىق مائارىپ، ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرىدە مىللىي تىبابەت، ئۇيغۇر قول يازمىلىرىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئورنى، خىتاي مەنبەلىرى ئاساسىدا شىجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدە بىر تەتقىقات قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (2)
- ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (1)
- تۇرسۇن بېك ئاخونوفقا، خەلقئارا ئاتاتۈرك پەن ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپاتى بېرىلدى
- تۈركىيە ژۇرنالىستى مەمەت راگىپ ۋۇرالنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئورخان كاۋۇجۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
- د ۇ ق 2- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
- تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر تېلېۋىزىيىسى تۈركىيىدە
- رۇس ئالىمىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى
- تۈركىيىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان تۈركىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بىلەن سۆھبەت
- مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى پىلانى مۇزاكىرە ئۈستىدە
- سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاشكارىلاندى
- تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كۈتۈپخانا باشلىقلىرى يىغىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
- د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى، بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىدا