دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (2)


2007.09.13

تۈركىيىدە چىقىدىغان جۇمھۇرىيەت گېزىتى ئىستراتېگىيە ژۇرنىلىنىڭ 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى سانىدا دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى يازغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە تۈرك - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەسىلىلەردىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ھالدا دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئارمان قۇلئوغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئارمان قۇلئوغلى، ئەھۋال بۇنداق تۇرۇقلۇق، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى خىزمەت پىلانىدا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە قىلىدىغان ياردەملىرىدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئۇ پىلاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى يەنىلا تىلغا ئېلىنمىغان. نىمىشقا تۈركىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق تىكا ۋە قىزىل ئاي تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلمايدۇ ؟

ئارمان قۇلئوغلى: تىكا تەشكىلاتى ياردەم قىلىدىغان يەرلەر بولسا ئادەتتە ، مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدۇر. ئۇيغۇر تۈركلىرى بولسا خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە بىر ئاپتونومىيىلىك سېستىمىدا ياشاۋاتقان خەلىقتۇر. ئىككىسى ئايرىم مەسىلە. تىكا ئارقىلىق مۇستەقىل ياشاۋاتقان ۋە تۈرك قان سېستىمىسىدىن بولغان مىللەتلەرگە ئىقتىسادى، ئىجـتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتلەردىن ياردەم قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بىۋاستە ھالدا ئۇ يەر بىلەن ئالاقە قۇرۇش خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپتۇر. بۇ ئالاقە خىتاي ئارقىلىق قىلىنىشى كېرەك. يەنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە باغلىنىش كېرەك. ئەمما خىتاي بۇ خىل ياردەملەرنى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يول ئاچىدۇ، دەپ ئويلىغاچقا ، بۇنىڭغا يېقىن كەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئوتتۇرىدىكى پەرق مانا مۇشۇ. تۈركىيە ئۆزىنىڭ تۈركىيىنىڭ سىرتىدىكى تۈركىي مىللەت قېرىنداشلىرىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. بۇ قېتىمقى ھۆكۈمەت خىزمەت پىلانى بۇ جەھەتتە يېتەرلىك ئەمەس. تۈركىيە دىققىتىنى ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن سىرتتىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىككىنچى پىلاندا ھەتتا ئۈچۈنچى پىلاندا تۇتۇۋاتىدۇ. شۇڭا سىياسەتلىرىدە ئاكتىپ ئەمەس. تۈركىيىنىڭ مۇداپىئەسى پەقەتلا چېگرىلىرىدا ئەمەس، تۈركىيىنىڭ مۇداپىئەسى تۈركىيىنىڭ سىرتىدىكى تۈرك ئېرقىدىن بولغان ئىنسانلارنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى، تۈركىيىگە بولغان سۆيگۈسى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان بېرىپ - كېلىشلىرى نەتىجىسىدە بەرپا بولىدۇ. ئەگەر بىز خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولساق، شەرقىي تۈركسىتان بۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەتتۇر. يەنى، بىر توسالغۇ ئەمەس بەلكى بىر كۆۋرۈكتۇر. بىز مانا بۇ كۆۋرۈكلۈك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ياخشى ياشىشىنىڭ، ياشاش شارائىتلىرىنىڭ تۈزىلىشىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ، تۈركىيە بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولۇشىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا چوقۇم كۈن تەرتىپكە ئېلىشىمىز، ئۇلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. مەن بۇ جەھەتتە تۈركىيىنىڭ بەزى دىپلوماتىك يېتەرسىزلىكلىرىنىڭ بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك گېنېرال، بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن قىزىقىدىغان بىر مەسىلە بار. مەلۇم بولغاندەك تۈركىيە ۋە خىتاي بولسۇن ھەر ئىككىسىلا ئۆز رايونلىرىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان دۆلەتلەر. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن سۆز قىلىنامدۇ ؟

ئارمان قۇلئوغلى: خىتايلار داۋاملىق بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتىدۇ. بۇ مەسىلىدىن سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى ئەپ قاچىدۇ. مەيلى بۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلىرىمىزدا بولسۇن، مەيلى ئۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلىرىمىزدا بولسۇن ، بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېغىز ئاچقىنىمىزدا ئۇلار دەرھال بۇ گەپتىن ئۆزىنى ئەپ قېچىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا قانچىلىك يېقىنلاشسىڭىز يېقىنلىشىڭ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى بىر بۆلگۈنچى ھەرىكەت، بىر كۈن چوقۇم خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ دېگەن پىكىر يەرلىشىپ قالغاچقا، خۇددى قىلىنىۋاتقان پۈتۈن ھەرىكەتلەر مۇشۇنى مەقسەت قىلغاندەك گۇمانغا چۈشۈپ قالغان. شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن بۇ گۇمانلىرىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك. ئەگەر خىتايلار بۇ گۇمانخورلۇقىدىن قۇتۇلالمىغان تەقدىردە مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك گېنېرال، سىزگە ئوخشاش ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى شەرقىي تۈركسىتان تېمىسىنى داۋاملىق ئىشلەپ، ئۇنى ئىستراتېگىيە يىغىنلىرىدا بولسۇن، گېزىت ‏- ژۇرناللاردا بولسۇن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ كېلەچەكتە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلىق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن قانداق بىر تەسىرى بولار؟

ئارمان قۇلئوغلى: ئەلۋەتتە بۇ ھۆكۈمەتلەرگە باغلىق بىر ئىش. بۇندىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتتە بولسۇن ياكى بۇندىن بۇرۇنقى جۇمھۇر رەئىسلىكىدە بولسۇن، بولۇپمۇ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر يۇقىرى بىر سەۋىيىدە ئىدى. بۇ تېمىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلەتتى. ئەمما كېيىنكى 5 يىلدا بۇ تېما ئىككىنچى پىلانغا ئىتتىرىلدى. تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىن كېيىن كېلىدىغان بولۇپ قالدى. كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا ھازىرقى ھۆكۈمەت بۇ مۇناسىۋەتلەرنى مۇشۇنچىلىك سەۋىيىدە تۇتۇدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇندىن كېيىن تۈركىيىدە يەنە يېڭى ھۆكۈمەتلەر كەلسە، بۇ ھۆكۈمەتلەر پەقەتلا ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا بولغان سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى، تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بىرىنچى پىلانغا قويۇشى كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا ئېنېرگىيىسىنى ئىراقتا خورىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كۈچىنى يوقىتىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك دۇنيا تاق قۇتۇپلىقتىن ئۆزگىرىپ كۆپ قۇتۇپلۇققا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. رۇسىيە بۈگۈن كۈچ توپلاۋاتىدۇ، خىتايمۇ ھەم شۇنداق. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ كۈچلىنىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا بىرلىكىمۇ بىر كۈچ، ئامېرىكىمۇ ئايرىم بىر كۈچ. ھىندىستان بولسا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر كۈچ. بۇلارغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، ئالدىمىزدىكى 30- 35 يىل ئىچىدە دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا يۈزلىنىدۇ. مانا بۇ جەرياندا تۈركىيە ئۆزىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئەمما بۇ دېگەنلىك، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزسۈن دېگەنلىك ئەمەس. بۇنداق قىلىشقا كېرەك يوق. بىر تەرەپتىن بۇنى يورۇتۇپ يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك دۇنياسىغا قاراتقان سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۈمىدىم شۇكى، بۇندىن كېيىنكى ھۆكۈمەتلەر تۈرك دۇنياسى سىياسىتىنى بىرىنچى پىلانغا قويسۇن، ئۇيغۇر تۈركلىرىمۇ تۈرك دۇنياسى ئىچىدە تېگىشلىك ئورنىنى تاپسۇن. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.