ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ئويلار


2007.09.18

obzor-150.jpg
تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى چاغ گېزىتىنىڭ 18 -چىسلادىكى سانىدا "ئۇيغۇر كارىزلىرىغا ئۆزدەنجە يولچۇلۇق" ، تېمىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ئوبزورچى جازىم گۈربۈز ئەپەندى يازغان. RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىدە چىقىدىغان يېڭى چاغ گېزىتىنىڭ 18 -چىسلادىكى سانىدا "ئۇيغۇر كارىزلىرىغا ئۆزدەنجە يولچۇلۇق" ، تېمىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ئوبزورچى جازىم گۈربۈز ئەپەندى يازغان بولۇپ ، ئۇ ماقالىسىنى تۈركىيىدە كوممۇنىست كۆز قاراشقا ئىگە ۋە ماۋزېدوڭچى دەپ بىلىنىدىغان دۇرسۇن ئۆزدەن ئىسىملىك شائىرنىڭ كارىز ھەققىدە يازغان كىتابىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يازغان.

ئاپتور ماقالىسىنى يازغۇچى، شائىر دۇرسۇن ئۆزدەننىڭ " ئۇيغۇر كارىزلىرىغا يولچۇلۇق ماۋزۇلۇق" كىتابىدا يەر ئالغان مەزمۇنلار بىلەن باشلايدۇ : "ئاناتولىيە بوز قىرلىرىدا تۇغۇلدۇم. شىپالىق شامان ئانامنى ياد ئەيلەپ، خەلق ناخشىلىرىنىڭ قوينىدا چوڭ بولدۇم. كۆك ئوغۇز بويىدىن كەلگەن ئىكەنمىز. كۈچلۈك بوزقىر بۈركۈتلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ۋە ئۇلۇغ سۆيگۈ دەرىخىنىڭ سايىسىدە پەرقىمنى ھېس قىلدىم. ئىچىمدىكى نۇرنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭغا قارىدىم. مېنىڭ ئويۇم ئىچكى دۇنيارىمنى كەشىپ قىلىش ئىدى. مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان ئاسىيانىڭ بايلىقلىرىدا، ئاتاتۈركنىڭ ۋە ئاناتولىيە ئاتەشىنىڭ ھارارىتىدە ياۋروئاسىيا مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇم... ئاناتولىيە قەيەر، ئوتتۇرا ئاسىيا قەيەر؟"

ئىچكى دۇنياغا ئېلىپ بېرىلغان سەپەر

ئاپتور ماقالىسىدا دۇرسۇن ئۆزدەننىڭ كىتابىدىن ئۈزۈندىلەر ئېلىپ داۋام تۈردە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۇ يەر قەيەردۇ دېمەي تاغۇ - دەريالارنى، دېڭىزلارنى، چۆللەرنى ئېشىپ ئاتا يۇرتىمىز بولغان ئاسىيا تۇپراقلىرىغا يېتىپ كەلدىم.... بىر تەتقىقاتچى، ئىزدەنگۈچى يازغۇچىنىڭ ئىنچىكىلىكى بىلەن ۋە بىر شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن، ھەم بىر ھۆججەتلىك فىلىمگە ئوخشاش ھەم بىر خىيال دۇنياسىغا ئوخشاش بىر تەتقىقات ئىچىدە ئۆزۈمنى تاپتىم. تىترىدىم ۋە ئۆزلۈكۈمگە قايتتىم، ئىچكى دۇنيارىمغا قىلىنغان بىر سەپەر ئىدى بۇ. قۇياش تۇغۇلغان يۆنىلىشكە... يەر كوردىناتى 0 بولغان ئاسىيانىڭ مەركىزىدە.... يىلتىزى مىڭلارچە يىل قەدىم بولغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىدا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى ياراتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزنىڭ تارىخى بىر ، تىلى بىر ، دىنى بىر ، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتى بىر بولغان تۇغقانلىرىمىزدۇر."

ئاپتور يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ.

شىنجاڭ رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ، خىتايلار ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر 2500 يىل ئاۋال ئۆزلىرى ياراتقان ئىدىقۇت دۆلىتى ۋە يەرنىڭ 110 مېتىر تېگىدە ، جەمئىي 5100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر مەدەنىيەت مۆجىزىسى بولغان ۋە كارىز دەپ ئاتىلىدىغان سۇ قاناللىرى بىلەن ئاسىيا تارىخىنىڭ يېڭىدىن يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى.

" بىر قولۇم ئالتاي تېغىدا، بىر قولۇم تەڭرى تاغلىرىدا... بادام كۆزلۈك گۈزەللەر بىلەن پارلاۋاتقان ئاي كۆلىگە قارىماقتىمەن... ئەنقا قۇشى نەدىدۇ؟ ئەرگەنەقونچۇ، ئاناتولىيەچۇ؟ يىپەك يولى مېھىر - شەپقەت ۋە تىنچلىق يولىمۇ... يولۇمدىن ئېزىقىپ كەتتىم. تولۇن ئاينىڭ ھارارىتىدە كۆيۈۋاتىمەن، ئۇلۇغ شامان ئانىدىن شىپا كۈتمەكتىمەن. ئاتا تۇپراقلىرىمدا، ئۆزۈمگە سەپەر قىلماقتىمەن... "

ئۇيغۇرلار ياراتقان كارىز بىر مۆجىزە

ماقالىنىڭ ئاپتورى جازىم گۈربۈز ئەپەندى يازغۇچى، شائىر دۇرسۇن ئۆزدەننىڭ "ئۇيغۇر كارىزلىرىغا يولچۇلۇق" ناملىق كىتابىدىن يۇقىرىدىكى ئابزاسلارنى بەرگەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: "يازغۇچى، شائىر دۇرسۇن ئۆزدەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپتۇ. نېمىشقا بېرىپتۇ؟ كارىزلارنى كۆرۈشكە. كارىز دېگەن نېمە ؟ يۇقىرىدا يازغۇچى ئۆزىمۇ يازغاندەك، يەرنىڭ 110 مېتىر ئاستىدىن ئۆتىدىغان، 5100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولغان ۋە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان تارىخىي سۇ قاناللىرى. ئاتا - بوۋىلىرىمىز تەڭرى تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سۇنىڭ تەكلىماكان چۆلىگە سىڭىپ يوق بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سۇلارنى مانا بۇ چۆلنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرپانغا يەتكۈزۈپ، ئۇ يەردە دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل مېۋىلىرىنى، كۆكتاتلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئىكەن ۋە ھازىرمۇ يېتىشتۈرمەكتە. يازغۇچى دۇرسۇن ئۆزدەن ئۆزىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى "ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر" ماۋزۇلۇق بىر كىتاب ئاستىدا توپلاپ نەشىر قىلدۇردى. بۇ كىتاب قايناق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى."

تۈركىيىدىكى كوممۇنىستلار تۈرك مەدەنىيىتىگە ئىگە چىقماقتا

ئاپتور بۇ كىتابقا تۈركىيىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ رەھبىرى بولغان، تۈركىيە ئىشچى پارتىيىسىنىڭ باشلىقى دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندىمنىڭ كىرىش سۆزى يازغانلىقىنى بايان قىلىپ، ماقالىسىغا مۇنداق داۋام قىلىدۇ : "كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندى، تارىخىمىزغا غەربنىڭ كۆزى بىلەن قاراشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان ھەم شۇنىڭدا چىڭ تۇرىدىغانلارنىڭ جەڭگىۋارلىقنى تۈركلەرگە، مەدەنىيەتنى بولسا ئۆزلىرىگە ئائىت دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تامامەن خاتالىقىنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىگە مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولغان 'يەر ئاستىدىكى سەددىچىن سېپىلى' دەپ نام ئالغان كارىزنى ياساپ تۆھپە قوشقانلىقىنى، كارىزلارنىڭ ئورخۇن ئابىدىلىرىگە ئوخشاشلا قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. دوغۇ ئەپەندىمنىڭ بۇ دىئاگنۇزىدا قىلچىلىكمۇ مۇبالىغىنىڭ يوقلۇقىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ كارىزنى دۆلىتىدىكى ئۈچ چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلىشىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ."

تۈرك مىللەتچىلىرى سىلەر قەيەردە؟

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كىتابتا كارىزدىن باشقا يەنە نېمىلەرنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى تۈرك مىللەتچىلىك كۆز قارىشىغا ئىگە كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ : "دۇرسۇن ئۆزدەن كىتابىدا يالغۇزلا كارىزنى ئاڭلاتمايدۇ. بۇ كىتابتا شەرقىي تۈركىستان ھەر تەرەپلىمىلىك بايان قىلىنغان. ئىشىنىڭكى، خۇددى شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندەك بولىسىز. شائىرلىقىدىن كېلىپ چىققان قەلەم كۈچى ۋە مەزمۇنىنىڭ راۋانلىقى سەۋەبلىك بىر باشلىدىڭىزمۇ تۈگەتمەي تۇرۇپ قويۇپ قويغۇڭىز كەلمەيدىغان بىر كىتاب دۇرسۇن ئۆزدەننىڭ بۇ كىتابى. مانا، تۈركىيىدىكى ماۋ زېدۇڭچىلار مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. سىلەرچۇ؟ تۈرك مىللەتچىلىرى سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ بۇ ئىشلارغا دۆلەتنىڭ بېشىغا دۆلەت چىققاندا ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېشەكنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكەندە كۆڭۈل بۆلەمسىلەر؟" ( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.