11 - نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق - قېرىنداشلىق - ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى
2007.11.20
11-نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتېيى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلدى. بۇ قۇرۇلتايدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىي مىللەتلەرنى بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇھىم قارارلار ماقۇللاندى. قۇرۇلتايدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن دائىمىي سېكرېتارلىق ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇشى قارار قىلىندى. دائىمىي سېكرېتارلىق ئورگىنى كېلەچەك ئايلاردا چاقىرىلماقچى بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى باشلىقلىرى ئالىي يىغىنىدا رەسمىي قۇرۇلىدىكەن. بۇ ئورگان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى، تىجارەت، مەدەنىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.
ئورتاق تېلېۋىزىيە قانىلى، ئورتاق ئەدەبىي تىل، پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى قۇرۇلۇشى قارار قىلىندى
بۇلاردىن باشقا قۇرۇلتايدا يەنە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئورتاق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئېچىلىشى، ئورتاق ئەدەبىي تىل يارىتىش، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار قارارلاشتۇرۇلدى. بۇ قارارلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىگە بىنائەن ماقۇللاندى. بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەزەربەيجان دۆلەت باشلىقى ئىلھان ئالىيىف، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە باشقا مىنىستىرلارنىڭ ھەممىسى بىردەك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
پروگرامىمىزدا ئەزەربەيجان دۆلەت باشلىقى ئىلھان ئالىيىف بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن پارچىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئەزەربەيجان دۆلەت باشلىقى ئىلھان ئالىيىف سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:"ھۆرمەتلىك خانىملار، ئەپەندىلەر، مېھمانلار ھەممىڭلار ئەزەربەيجانغا خۇش كەپسىلەر. 11- نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتېيىنىڭ ئەزەربەيجاندا چاقىرىلىشى پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇرۇنقى قۇرۇلتايلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيىدە چاقىرىلغان ئىدى، تۇنجى قېتىم مېنىڭ تەكلىپىمگە بىنائەن ئەزەربەيجاندا چاقىرىلىۋاتىدۇ، بۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ تېزلا بىر - بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، 5 تۈركىي جۇمھۇرىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنى بىرلىشىشكە مەجبۇر قىلدى. تۈركى جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە كۈچلەندى، نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، تۈرك دۇنياسىنىڭ يەنە نۇرغۇن مەسىلىلىرى بار، بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پۈتۈنلىشىشى ۋە كۈچلىنىشى كېرەك."
"بالقان، كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردى تۈگىمىدى..."
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئالدى بىلەن بۇ يىغىنغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان دۆلىتىگە ۋە دۆلەت باشلىقى ئىلھان ئالىيىفگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ 15 يىللىق تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:"ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە 15 يىل ئىچىدە باسقان يولىمىز شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ 15 يىل ئىچىدە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان يوللارنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى. كېلەچەكتە بىز قۇرۇپ چىقىدىغان يېڭى بىر دۇنيا بىزنى كۈتمەكتە. بۇنى قۇرۇپ چىقىدىغانلار يەنە بىزلەر. بىز ئەگەر ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولساق، ئاتىلىرىمىزنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ سىياسەتچىلىرىنى، ئىلىم ئادەملىرىنى، سەنئەتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ خىل قۇرۇلتايلار كېلەچەكىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ خىل قۇرۇلتايلارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم سىلەرگە دەپ ئۆتمەكچىمەن."
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەردىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئورتاق دەردى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رەجەپ تايىپ ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:"دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دەردىدۇر. بالقانلاردىكى، كاۋكازىيىدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردى تۈگىمىدى، داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىشىشتىن ئىبارەت. يېقىندا ئېچىلغان باكۇ - تىفلىس ۋە كەيخان نېفىت تۇرۇبىسى، باكۇ - تىفلىس - ئەرزۇرۇم گاز تۇرۇبىسى بۇ ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر."
" تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكىنى قۇرۇش خەلقئارادا خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ "
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "مەن ئۆتكەنكى قۇرۇلتايدىمۇ دەپ ئۆتكەندەك، ئېنگىلىزچە ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر، فرانسۇزچە ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر، ئىسپانچە گەپ قىلىدىغان دۆلەتلەر ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۆز بىرلىكلىرىنى قۇرۇپ چىققان بولسا، بىزمۇ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكىنى قۇرۇپ چىققان ۋاقتىمىزدا خەلقئارادا خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايمىز، ھەمدە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئۇچۇر ئالاقە تىلى يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخىنى يېڭىدىن يېزىپ چىقىشىمىز، بۇ تارىخ كىتابلىرىنى پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە دەرسلىك كىتاب قىلىپ ئوقۇتۇشىمىز كېرەك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق ھالدا بېجىرىش ئۈچۈن دائىمىي سېكرېتارلىق ئورگىنى قۇرۇپ چىقىشنىمۇ تەكلىپ ۋە ئارزۇ قىلىمەن. تۈرك دۇنياسى پارلامېنتلار بىرلىكى ۋە ئاقساقاللار كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ."
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ بۇ سۆزلىرى قۇرۇلتاي ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئەردۇغاننىڭ بۇ تەكلىپلىرىگە بىنائەن بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاندى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- ئورتاق دېگەن دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىدۇ
- تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرك سودا - سانائەتچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرماقتا
- تۈركىيىدە مىليونلارچە ئىنسان شېھىدلىرى ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە
- ئەزەربەيجاندىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىدىن شادلاندى
- ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ئويلار
- دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (2)
- دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (1)
- 38 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكتە
- تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تانەر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى