ئەنقەرەدە تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى


2007.11.29

prof.dr.sema-barutcu-200.jpg
تۇركىيىدە تونۇلغان تۇركولوگ ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتجۇ ئوزوندەر ئانكارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى. RFA Photo / Erkin Tarim

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 6 - نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رەسمى باشلاندى. 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيىلىك تۇركولوگلاردىن بولۇپ 42 تۈركولوگ قاتناشماقتا. تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم، در. ماگفىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

بۇ تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2002-يىلىدىن بېرى چاقىرىلىپ كەلمەكتە ، يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركولوگلار، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى، سەنئەت تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە قىلغان تەتقىقاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى باشلىقى، تونۇلغان تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتچۇ ئوزوندەر خانىم بىلەن تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى پروف. در. سەكىنە قاراقاش خانىم سۆز قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتچۇ ئوزوندەر خانىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەپ مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا خوش كېلىپسىلەر. 2002-يىلىدىن باشلاپ چاقىرلىۋاتقان بۇ يىغىننىڭ ھازىر 6-قېتىملىقىنى ئېچىۋاتىمىز. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا تۆھپە قوشۇپ كەلگەن تۇركولوگلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلىمى تەرىپىدىن چاقىرىلىۋاتقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 2002-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، تىلى، ئارخېئولوگىيىسى، سىياسى تارىخى، سەنئەت تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلماقتا. مەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يىغىنىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن."

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. سەكىنە قاراقاش خانىم ئېچىلىش نۇتىقىدا بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ساھەسى بالقانلاردىن تىنچ ئوكيانغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇغراپىيىۋىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تۈرك تىلىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر تۈركىي تىللارنى مەيدانغا چىقارغان. بۈگۈن بەزى تۈركىي تىللىرى دۆلەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، يەنە بەزى تۈركىي تىللار ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە بەزى ئاپتونوم رايونلاردا ئىشلىتىلمەكتە. بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز تۈركىي مىللەتلەر ئارسىدىكى، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەتتۇر. بىز چاقىرىۋاتقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق بۇنىڭغا ئاساس سېلىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن."

پروف. در. سەكىنە قاراقاش خانىم ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېچىلغان دېرىزىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىمۇ فاكۇلتىتىمىزدا 1992-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن تونۇلغان تۇركولوگلارنى تەكلىپ قىلىپ دەرس بەرگۈزۈش ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈردى. بۆلۈمىمىز تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان بۆلۈم بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئېچىلغان دېرىزىسى رولىنى ئوينىماقتا. يەنە بۇ بۆلۈم چىقىرىۋاتقان ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ژۇرنىلى دۇنيادىكى تۇركولوگلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىي مىللەتلەرنى ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلىشقا شەرت شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركولوگلار قاتنىشىپ دۇنيادىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشماقتا. مەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭلارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن."

تۈركىيىدە جەمى 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى كافېدراسى بار. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1992 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىنى قۇردى. بۇ فاكۇلتېتتا مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تىللىرىدىن باشقا، ئۇيغۇر، تاتار، تۇۋا، قاراقالپاققا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىللىرىمۇ ئوقۇتۇلماقتا. بۇ فاكۇلتېتنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبەك تىلى بىر كافېدرادا بولۇپ، 4 سىنىپ ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى، فولكلورىنى ۋە سىياسىي تارىخىنى ئۆگەنمەكتە. ھازىر تۈركىيىدە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا، گازى، ئەرجىيەس، مۇگلا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرچە كافەدرالار بار. ھەتتا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.