د ئۇ ق، تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بىلدۈردى


2007.12.03

AbdullaTursun-200.jpg
تۈركىيە ئىشچىلار پارتىيىسى باشلىقى دوگۇ پېرىنچەك ئەپەندى. RFA Photo /Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىدە 12- ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخشام 9 دا بېرىلگەن "چىقىش يولى" ناملىق پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن ئەپەندى نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ ئەيىبلەشكە رەددىيە بىلدۈردى.

ژۇرنالىست رافەت باللى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىدا، تۈركىيە ئىشچىلار پارتىيىسى باشلىقى دوگۇ پېرىنچەك ئەپەندى بىر ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تېررورلۇق پائالىيەت ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلەندى.

تۈركىيىدىكى ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىدىكى بۇ پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى نېمە دەپ ئەيىبلەندى؟ د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن نېمە دەپ رەددىيە بىلدۈردى؟ تېلېۋىزىيە كۆرگۈچىلەر بۇنىڭغا قانداق رېئاكسىيە كۆرسەتتى؟

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىدىكى سوتسىيالىستىك ئىدىيىدىكى پارتىيىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئەيىبلىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيىدە بۇ خىل كىشى ۋە پارتىيىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ھەم چىن قەلبىدىن ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.